باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خادىملىرى جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئەقىل كۆرسەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-29 16:38:54

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم بولۇپ، مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلاندى. بۇ يىل ئاخىرلىشىشقا يەنە تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو ئىقتىسادى تۇراقلىقنى ساقلىيالامدۇ-يوق؟ پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنلىغىلى بولامدۇ-يوق؟ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، تەكشى تەرەققىياتىنى ساقلاش ھەققىدە بەس-بەستە تەكلىپ بەردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى شېڭلىن مۇنداق دەپ قارىدى: كارخانا-بازارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، كارخانا تەرەققىي قىلمىسا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدۇ. تېخىمۇ ھەقىقىي، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانا مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە كارخانىلارنىڭ پۈتكۈل رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

ئەزا ليۇ جېڭكۈي ئالدىنقى بىر مەزگىللىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى بايقىدى: گەرچە مەركەز ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بۇ سىياسەتلەرنى تولۇق چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ بولالمىدى. مېنىڭچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارغىچە بېرىپ تەشۋىق قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا بۇ سىياسەتلەرنى تېزدىن بىلدۈرۈپ، بۇ ياخشى سىياسەتلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈشى لازىم.

مەبلەغ سېلىش، تاشقى سودا، ئىستېمال-ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ساھە. ئەزا لياڭ شېڭلى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ۋە قوللاش كېرەك. مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردا، ھازىر ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ تېزلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، تاشيول، تۆمۈريول قاتارلىق جەھەتلەردىكى يوشۇرۇن كۈچ ناھايىتى زور.

ئەزا جۇ تيەنخوڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى سىجىل ئاشتى، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بەك ئېشىپ كەتكەن ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىمۇ ئوخشاشلا ئاشتى، بۇ-قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە يەنىلا ناھايىتى زور بوشلۇقنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۈنۈمى تۆۋەن، كۆپلىگەن ئۈنۈملۈك بايلىقلارنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بازاردىن چېكىندۈرۈش-ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەرگىمۇ چېتىلىدۇ.

ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى نۇقتىلىرىنى يېتىشتۈرۈش-ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئامىلى. ئەزا جېڭ گوڭچېڭ تۇرمۇش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىش تەكلىپىنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش بىلەن قارىمۇ قارشى قىلىپ قويماستىن، ياشانغانلار، بالىلار، مېيىپلارنىڭ مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇش-خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنىڭ تەلىپى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىش ئورنىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى شۇنداقلا ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشتىكى غايەت زور بوشلۇق.

ئەزا ياۋ شېڭ ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈنۈۋاتقان يەرلىكنىڭ قەرز مەسىلىسى ھەققىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزىنى قايتۇرۇش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل-قەرز قايتۇرۇشنىڭ بېسىمى ئەڭ ئېغىر بىر يىل بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرزنىڭ ئۆسۈم يۈكىمۇ بىر قەدەر ئېغىر، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم، بارلىق ئاماللارنى قىلىپ، مۆھلىتى توشقان قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق