باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-30 10:13:59

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 29-ئاۋغۇست يىغىن ئېچىپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلار مەسئۇللىرىنىڭ مائاش تۈزۈمى ئىسلاھات لايىھەسى»، «مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ ۋەزىپە تەمىناتى، كەسپىي چىقىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىش ۋە قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر»، «ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش پىكرى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى-دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىچكى تۇرمۇشىنى چىڭ تۇتۇش، پارتىيەنىڭ ئىچكى دېموكراتىك تۈزۈم سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا، مۇكەممەل، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان ئادەم تاللاش، ئىشلىتىش مېخانىزمىغا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۈچ چىقىرىپ، تۈزۈم ئىسلاھاتى ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىش تۈزۈمى ئارقىلىق، ئۇزۇن مۇددەت ساقلانغان كونا، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مۇنەۋۋەر كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلار مەسئۇللىرى مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدەك تۈپ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، دۆلەت مۈلۈكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات مۇساپىسىگە ئۇيغۇنلىشىپ، كارخانىلارنىڭ كىرىم تەقسىمات تەرتىپىنى تەدرىجىي قېلىپلاشتۇرۇپ، مائاش سەۋىيەسى، قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، مۇۋاپىق بولمىغان بىر قەدەر يۇقىرى، بەك يۇقىرى كىرىمنى تەڭشەش لازىم. تۈرگە، دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنى تاللاپ ۋەزىپە قويۇش ئۇسۇلى بىلەن جىپسىلىشىدىغان، كارخانىلارنىڭ ئىقتىدار خاراكتېرى بىلەن ئۇيغۇن كېلىدىغان پەرقلىق مائاش تەقسىمات چارىسىنى ئورنىتىپ، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلار مەسئۇللىرىنىڭ مائاش تەقسىماتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قانۇن، بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش، پاك، تېجەشلىك بولۇش، قېلىپلىق، ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسى، ئىشخانا ئىشلىتىش، تەربىيەلىنىش، كەسپىي جەھەتتىن كۈتۈۋېلىش، دۆلەت ئىچىدە كاماندىروپكىغا چىقىش، ھۆكۈمەت خىزمىتى ئۈچۈن ۋاقىتلىق چەتئەلگە چىقىش، خەۋەرلىشىش قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى چەك ئۆلچىمىگە بولغان چەكلىمە خاراكتېرلىك بەلگىلىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ھۆكۈمەت پۇلىنى شەخسىي چىقىم قىلىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى تەقسىملەش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ۋە نوپۇسى كۆپ ئۆلكىلەردىن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش سانىنى كۆپەيتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ تاللاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ ئىمتىھان ئۇسۇلى ۋە مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي سەۋىيە ئىمتىھانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساپاسىنى باھالاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈرگە بۆلۈپ ئىمتىھان ئېلىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىمتىھاندا نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش؛ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى تاللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش يولىنى كېڭەيتىش؛ نازارەت، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش؛ بىر تۇتاش پىلان تۈزۈپ، سىناقنى ئالدىن يولغا قويۇپ، تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق