باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
زامانىۋى يېزا ئىگىلىك شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە كەسىپ بەلبېغىنى شەكىللەندۈرمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-30 16:27:13

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، دېھقانلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ داۋاملىق تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىمۇ ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، زور بىر تۈركۈم ئالاھىدە كەسىپلەر تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب، شىمالىدا زورىيىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەۋزەل كەسىپ بەلبېغى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىغا ئايلاندى.

يۇقىرى، يېڭى سۇ تېجەش تېخنىكىسى تېز كېڭەيتىلگەنلىكتىن، شىنجاڭنىڭ بۇغداي، كۆممىقوناق، شال قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپ بەلبېغى تەدرىجىي شەكىللەندى ھەم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان 41 ناھىيە، شەھەرگە مەركەزلەشتى، ئاشلىق بىرلىك مەھسۇلاتىمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. 2013-يىلى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۇدا 6-يىل ئېشىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مىقدارى 612 كىلوگرامغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 169 كىلوگراملىق سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.

شەرقىي رايوندىكى چوڭ پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭغا ماكانلاشتى، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى كېۋەزچىلىك رايونلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كېۋەزلىكلىرى تېزدىن كۆپەيدى. 2013-يىلى پۈتۈن مەملىكەت پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپەت، بىرلىك مەھسۇلات ۋە ئومۇمىي مەھسۇلات قاتارلىق يەتتە كۆرسەتكۈچى ئۇدا 20 يىل پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىدا تۇردى، يەرلىكتىكى يېرىمدىن ئارتۇق دېھقان بۇ كەسىپتىن نەپ ئالدى.

پاختىدىن سىرت، باشقا ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىش كۆلىمىمۇ ئۆزلۈكسىز ئاشتى، قىزىلچا، پىۋا گۈلى، خۇش پۇراق ئۆسۈملۈك قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىدا ئىچكى ياخشى سۈپەتلىك دەۋرىيلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئۇزۇنغا سوزۇلغان يېشىل مېۋىلىك باغلار ھاۋاسى قۇرغاق شىنجاڭدا تېزدىن قەد كۆتۈرۈپ، يەر شارىدىكى ئالتە چوڭ مېۋە-چىۋە ئىشلەپچىقىرىش بەلبېغىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ مېۋىلىك ئومۇمىي كۆلىمى 22 مىليون يۈز مىڭ موغا يەتتى. تارىم ئويمانلىقى، ئىلى دەريا جىلغىسى، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي يانباغرىدا چىلان، ياڭاق، نەشپۈت، ئالما قاتارلىق مېۋىلەرنى ئاساس قىلغان ئالاھىدە مېۋىزارلىق شەكىللىنىپ، يىللىق مەھسۇلاتى سەككىز مىليون توننىغا يەتتى. ئۆتكەن تۆت يىلدا، يەرلىك دېھقانلارنىڭ مېۋىچىلىكتىن كەلگەن كىشى بېشى كىرىمىمۇ بىر قاتلىنىپ، 1200 يۈەنگە يەتتى.

شىنجاڭنىڭ پەمىدۇر ۋە مۇچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردا پۇت تىرەپ تۇرۇشىغا ئەگىشىپ، پەمىدۇر ۋە مۇچ تېرىيدىغان جايلارمۇ تەدرىجىي مۇقىملاشتى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالى ۋە تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي يانباغرىدا مۇقىم كۆلەمدىكى كەسىپ بەلبېغى شەكىللەندى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ پەمىدۇر مەھسۇلاتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %70 نى ئىگىلىدى، ئېكسپورت مىقدارى خەلقئارا سودا مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقارغان مۇچ قىزىلى، مۇچ ئىشقارى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى بازارلاردا سېتىلماقتا.

شىنجاڭ-جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى، بىراق چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۇزۇن مۇددەت بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇپ كەلدى. بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئەلا سورت يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئالتە چوڭ سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقتىن زامانىۋى چارۋىچىلىققا قاراپ بۇرۇلۇشقا ياساشقا تۈرتكە بولدى. 2013-يىلىغا كەلگەندە، شىنجاڭدىكى بېقىلىۋاتقان چارۋا 45 مىليون 20 مىڭ تۇياققا يېتىپ، چارۋىچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى تۇنجى قېتىم 60 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتتى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق