باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
ج ك پ سىياسىي بىيۇروسى 17-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-31 09:26:37

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 29-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن دۇنيا ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە ئېلىمىزنىڭ ھەربىي ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا 17-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا يېڭى ھەربىي ئىشلار ئىنقىلاۋى بىزگە نىسبەتەن ھەم پۈرسەت ھەم خىرس. بىز ئىگىزتە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ، باشتىلا ئىشنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چۈشىنىپ، دۇنيا ھەربىي ئىشلار ساھەسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرۈشىمىز، دۇنيا يېڭى ھەربىي ئىشلار ئىنقىلاۋىنىڭ غايەت زور تەسىرىنى كۆرۈشىمىز، ئىلمىي تونۇش ۋە ھۆكۈم شەكىللەندۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەربى ئىشلار جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۇداپئە ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ئارمىيىگە بولغان مۈتلەق رەھبەرلىكى، خەلق ئارمىيىسىنىڭ تۈپ باش مەقسىتىدە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيىمىزنى پارتىيە بەرگەن تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زېممىسىگە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيا يېڭى ئىنقىلاۋىدىكى ئېغىر خىرىس ۋە تەستە قولغا كەلگەن پۈرسەت ئالدىدا، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەربىي ئىشلاردا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرگەندىلا، پەرقنى تېزراق كىچىكلىتىپ، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئارمىيىمىزنىڭ 87 يىللىق تەرەققىيات تارىخىنىڭ ئۆزى بىر يېڭىلىق يارىتىش تارىخى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىي ئىشلار جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا ۋەزىپە ئېغىر، قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ئىنتايىن كۆپ. ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى بىر قانچە پىرىنسىپ تەلىۋىنى ئىگىلەش كېرەك. بىرىنچى، كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش نىشانى، ئاكتىپ يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش. ئىككىنچى، ئىدىيىنى ئازات قىلىش، ئىدىيىدە بۇرۇلۇش ياساشتا چىڭ تۇرۇش. ئۈچىنچى، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. تۆتىنچى، ئۆزگىچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىزنىڭ دۆلەت مۇداپئەمىز ئومۇم خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپئەسى، دۆلەت مۇداپئە ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىشلىرى. پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۈچىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئارمىيە بىلەن خەلق بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ھەربىي ئىشلاردا يېڭىلىق يارىتىش سېستىمىسىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا، تېخىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سېستىمىسىگە كىرگۈزۈپ، ئىككى سېستىمىنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىپ تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي ئىشلاردا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىشىمىز ۋە داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپئە ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىدا باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيىتى بار، ئاكتىپ تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن ھەربى ئىشلاردا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاپ، دۆلەت مۇداپئە ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق