باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-02 17:03:50

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى29-ئاۋغۇست يىغىن ئېچىپ،پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش لايىھىسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ پىلانى، ۋاقىت جەدۋىلى، ۋەزىپىنامىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنىڭ يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يولغا قويۇش لايىھىسىدە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئاساسى نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. يولغا قويۇش لايىھىسىدە پارتىيىنىڭ تەشكىلات تۈزۈمى ئىسلاھاتى ، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتى، پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتى، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە تەدبىرى ئايرىم ئايرىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پارتىيىنىڭ تەشكىلات تۈزۈمى ئىسلاھاتى جەھەتتە مۇھىم نۇقتا پارتىيىنىڭ تەشكىلات تۈزۈمى سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچى دېمكراتىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش،پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى بىرلىكىنى قوغداش، پارتىيىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاشقا قارىتىلغان. پارتىيە تۇرمۇشى تۈزۈمىنى چىڭىتىش، پارتكوم خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە ئىچى سايلىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتى جەھەتتە مۇھىم نۇقتا ئىلمىي ئۈنۈملۈك بولغان خادىملارنى تاللاش ئىشقا قويۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا قارىتىلغان.

پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغان ياخشى كادىرلارنى تەربىيىلەش تاللاپ ئۆستۈرۈش، يۇقىرى ساپالىق رەھبىرىي كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، كادىرلارنى تاللاش ئىشقا قويۇش، باھالاش، تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش نازارەت قىلىش، ئىلھام بېرىش كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە كونكرېت ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى جەھەتتە، مۇھىم نۇقتا پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەشكىلىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى ، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا قارىتىلغان؛ ھەر ساھە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلاملاردىكى مۇلازىمەت تىپىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى بەرپا قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتى جەھەتتە، مۇھىم نۇقتا ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى بىلىش؛ ئۇلارغا كۆيىنىش؛ ئۇلارنى قەدىرلەش؛ ئۇلارنى ئىشلىتىش ياخشى كەيپىياتىنى بەرپا قىلىشقا قارىتىلغان.

ھەر قايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا مۇجەسسەملەنگەن. ئاساسلىقى پارتىيىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش،ئىختىساسلىقلارنى مۇجەسسەملەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باھالاش، ئىلھاملاندۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش كاپالەت مېخانىزمى جەھەتتە كونكرېت ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق