باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ مالايسىيانىڭ ئالىي رەھبىرى ھەلىم بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-05 10:04:22

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-سىنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-سىنتەبىر خەلق سارىيىدا مالايسىيانىڭ ئالىي رەھبىرى ھەلىم بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى راۋاجلاندى. بۇلتۇر 10-ئايدا مەن مالايسىيادا زىيارەتتە بولغاندا ئالىي رەھبەر ھەلىمنىڭ قىزغىن، داغدۇغىلىق كۈتىۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم، بۇ مەندە چوڭقۇر، ياخشى تەسىر قالدۇردى. سىز جۇڭگو-مالايسىيا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىلگىرى سۈرگۈچىسى ۋە شاھىدى. 40 يىل بۇرۇن سىز تۇنجى قېتىم مالايسىيانىڭ ئالىي رەھبىرى بولغاندا جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىدى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى بولغان پەيتتە سىزنىڭ جۇڭگودا يەنە زىيارەتتە بولغانلىقىڭىزدىن بىز كۆپ مىننەتدار، سىزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىڭىزنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ھەلىم مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر مالايسىياغا قىلغان زىيارىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل 5-ئايدا زۇڭلى نەجىب جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، مالايسىيا-جۇڭگو ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خوشال. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگوغا بولغان چۈشىنىشىمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى كۈچەيتىشنى كۈتمەكتىمەن.

كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا ھەلىمنىڭ شەرىپىگە كۈتىۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق