باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-06 10:13:10

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى-جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا تىرەك بولىدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز خەلق دېموكراتىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز شۇنداقلا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 1949-يىلى 9-ئايدا، ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن چىقىرىش ئورنىغا ئىگە بولغان «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئورتاق پىروگراممىسى» تەنتەنىلىك جاكارلىنىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. 1954-يىلى 9-ئايدا، 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى»دا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ، خەلق ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان ئورگان-مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بولىدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ ۋە راۋاجلىنىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. 60 يىللىق ئەمەلىيەت-خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، خەلقنىڭ خوجايىنلىقى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ياخشى تۈزۈم ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. يېڭى كۈرەش مۇساپىسىدا، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈملۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىدا داۋاملىق تۇتۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ خوجايىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش زۆرۈر. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مۇھىم ئىسلاھاتلارنى قانۇنىي ئاساسقا ئېرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چىقىرىلغان ھەر بىر قانۇننى تېرىشىپ ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈپ ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەدلىيەدە ئادىل بولۇش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىش مۇساپىسىنى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزۈشنى قاتتىق چەكلەش لازىم. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا چەكلىمە قويۇش ۋە نازارەت قىلىش-خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى ۋە تۈزۈم لايىھەسىنىڭ تۈپ تەلىپى. بىر پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى-ئەلرايىنىڭ مايىل ياكى مايىل ئەمەسلىكىگە باغلىق. خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى بولسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، بىز شۇنىڭدىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز ۋە زەربە بېرىشىمىز كېرەك. خەلق ئاممىسى چېرىكلىكتىن ئەڭ نەپرەتلىنىدۇ، شۇڭا بىز چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز لازىم. تۈزۈم ئارقىلىق ھوقۇق، ئىش، ئادەم باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان، چېرىكلەشمەيدىغان، چېرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى چىڭ تۇتۇپ شەكىللەندۈرۈپ، ھوقۇقنى خەلققە نازارەت قىلدۇرۇپ، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈپ، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. يولۋاس، چىۋىنلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىش، چېرىكلىك پەيدا بولسا قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلىكنى قاتتىق جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىك مەسىلىسىنى ئەڭ زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، پاك، دۇرۇس پارتىيە، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ئىستىلىنى تېرىشىپ يارىتىپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتا ئۆزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش لازىم. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاچقۇچ-بىزنىڭ ئەۋزەللىكىمىز ۋە ئالاھىدىلىكىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە كىچىكلىتىش بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ ئەۋزەللىكىمىز ۋە ئالاھىدىلىكىمىزنى كۈچەيتىپ ھەم كېڭەيتىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشى، ئۇزاق مۇددەت ئەمىنلىكىگە تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى ھازىرلاپ بېرىشتىن ئىبارەت.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: 60 يىل بىر دەۋر. مۇشۇنداق پەيتتە، بىز بىرلىكتە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ 60 يىل ئىلگىرى 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا قىلغان «بىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئېلىمىزنى بىر ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىمىز كامىل» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتۈشىمىز كېرەك.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق