باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ بېيجىڭ پىداگۇگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكشۈرۈشتە بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-10 10:21:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-سىنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

    جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭ پىداگۇگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى، دەرسخانىلارغا كىرىپ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئالىي ئېھتىرام ھەمدە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى، شى جىنپىڭ تەكشۈرۈشتە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بارلىق ئامال چارىلار بىلەن مائارىپنى ئاساس قىلىش كېرەك، مائارىپ چوڭ پىلان، ئوقۇتقۇچىلار ئاساس، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، مائارىپ تەرەققىياتىدا بىز ئەخلاقى ئىسىل، كەسپتە پىشقان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ھاياتى كۈچى ئورغۇپ تۇرىدىغان يۇقۇرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەپ يېتىشتۈرىشىمىز كېرەك، بۇنىڭدا زور بىر تۈركۈم ياخشى ئوقۇتقۇچىلار بولۇشى كېرەك، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار غايىلىك ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق، مول بىلىملىك، مېھرىبان ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيانىڭ سەۋىيەسىگە يەتكەن زامانىۋىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، سوتسيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىز مائارىپىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 20مىنوت ئۆتكەندە شى جىنپىڭ مەكتەپ ئاساسى بىناسىغا كېلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، كەلگۈسىنى يارىتىش ــ 30- ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ئاساسى تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى كۆردى، شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى تەسىس قىلىنغان 30 يىلدىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ۋە ھەرقايسى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى ھەققىدىكى كۆرگەزمىنى تەپسىلى كۆردى، ئۇ مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قلىش، ئوقۇتقۇچىلار سالاھىيىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى ئىگەللەپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 65 يىل بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مائارىپغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، پىداگۇگىكا مەكتەپلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشكە ئەھميەت بېرىش، ئۇنى قوللاشنى تەكىتلىدى. 
    ئېلىمىز ئوتتۇرا غەربىي رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 2010-يىلدىن باشلاپ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشتىن ئايرىپ تەربىيەلەش، مەركەزلىك تەربىيەلەش ۋە يىراق مۇساپىلىق تەربىيەلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئوقۇتقۇچلارنى زور كۆلەمدە تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، بېيجىڭ پىداگۇگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى تۈرىنى تۇنجى ئۈستىگە ئالغان مەكتەپلەرنىڭ بىرى، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە مائارىپتىكى ئاجىزلىق غەربىي رايونلار، يېزا رايونلىرى ۋە كونا ئازاد رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت ياقا رايونلار، نامرات رايونلار ۋە ئارال رايونلىرىدا، دۆلەت تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئورتاق تەرەققىي قىلىشى كېرەك، ھەرقانداق بىر رايون، ھەرقانداق بىر بالىنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا بولمايدۇ، سائەت 11لەردە شى جىنپىڭ يىڭدوڭ ئىلىم دەرسخانىسىغا كېلىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇھىملىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىدە، ئۇلار روھنىڭ ئىنژىنىرلىرى، بىر كىشىنىڭ ياخشى بىر ئوقۇتقۇچىغا يولۇقۇشى ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى بەختى، بىر مەكتەپنىڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلارغا ئىگە بولۇشى، بۇ مەكتەپنىڭ شەرىپى، بىر مىللەتتە داۋاملىق تۈركۈم تۈركۈملەپ ياخشى ئوقۇتقۇچىلار يېتىشىپ چىقسا بۇ شۇ مىللەت ئۈچۈن ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن مېھرىبان بولۇش كېرەك، چۈنكى مېھرىبانلىق ــ مائارىپنىڭ جېنى، مېھرىبانلىق بولمىسا مائارىپتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، ياخشى ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ مېھرى مۇھاببىتى ۋە ھىسسىي تۇيغۇسىنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا سىڭدۈرۈپ، ئىشەنچىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا غورۇر يېتىلدۈرۈپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى مۇۋاپپەقىيەت خوشاللىقىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك، شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى ئوقۇغۇچىلار، كەلگۈسىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاۋانگارت قوشۇن، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بۇ قوشۇننى قۇرغۇچىلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۈتۈن زېھنى قۇۋۋىتىنى ۋە قايناق قىزغىنلىقىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئادەم تەربىيلەش خىزمىتىدە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 


كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق