باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ تاجىكىستان زوڭتۇڭى راخمان بىلەن سۆھبەتلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-14 17:21:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-سېنتەبىر دۈشەنبىدە تاجىكىستان زوڭتۇڭى راخمان بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى بىردەك قارار قىلدى. سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى راخمان مىللەتلەر سارىيىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا شى جىنپىڭنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ راخماننىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئارقىدىن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيىسىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيىلەر قاتارلىق ھەر قايسى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككى تەرەپ نېفىت ، تەبىئىي گاز ، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، ئىقتىساد سودا ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش لازىم.

راخمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈچ خىل كۈچ تاجىكىستان بىلەن جۇڭگو يولۇقۇۋاتقان ئورتاق تەھدىت. ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇن ئىجراسى ۋە موداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىپ، چېگرانىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم .تاجىكىستان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن شى جىنپىڭ بىلەن راخمان جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە خىتابنامىنى بىرلىكتە ئىمزالاپ، ئىقتىساد سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا شاھىد بولدى

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زوڭتۇڭ راخمان بىلەن ئەمدىلا سۆھبەتلىشىپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. كېيىنكى باسقۇچتا ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىش لازىم. بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان بىر بىرىگە تايانچ بولۇپ، مۇرەككەپ كەسكىن ۋەزىيەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايوندىكى ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش، چېگرا باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش؛ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا بىردەك قوشۇلدۇق.

جۇڭگو تاجىكىستانغا بىخەتەرلىك جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ. ئەمەلىي ھەمكارلىق ساھەسىدە شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويىدۇ؛ كەلگۈسى بەش يىلدا ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى D لىنىيىسىنىڭ تاجىكىستان بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تىجارەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

راخمان مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى رايونغا تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. تاجىكىستان جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈشنى خالايدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ رەپىقىسى پىڭ لىيۈەن بىلەن تاجىكىستاننىڭ مىللىي يارىشىش ۋە گۈللىنىش خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق