باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ ھىندىستانغا يېتىپ بېرىپ، زۇڭلى مودى بىلەن سەيلە دىپلوماتىيەسى ئېلىپ باردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-18 11:27:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-سىنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاينىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن ھىندىستاننىڭ گۇجارات ئىشتاتىغا بېرىپ زىيارەتتە بولدى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى باشتىن ئاخىرى ھەمراھ بولدى.
شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن مېھمانخانىغا چۈشكەندە مودىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، مودى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ھىندىستاندىكى زىيارىتىدە دەسلەپتىلا يۇرتۇم گۇجاراتقا كەلدى، بۇ جايدىكى خەلق بۇنىڭدىن ئىنتايىن شەرەپ ھىس قىلدى، ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىسە پۈتۈنلەي بولىدۇ، ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئېنگىلىسچە دۆلەت نامىنىڭ باش ھەرپىنى قاتساق ديۇيىم دېگەن سۆز ياسىلىدۇ، ئىككى دۆلەت ديۇيمدىن مىلغىچە بولۇش روھى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستاننىڭ گۇجاراتقا كەلگىنىمدىن ناھايىتى خوشالمەن، بۇ يەر تاڭ دەۋرىدىكى راھىپ شۇەنجۇاڭ* غەرىپكە نوم ئېلىپ كېلەردە ئۆتكەن جاي، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق دوستلوق ئالاقىسى تارىختىن بۇيان ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئۆزئارا مۇھىم قوشنا دۆلەتلەر، مەدەنيەتلىك قەدىمى دۆلەتلەر، شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ۋە ئەينەك قىلىپ، قوشنا دوست بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرلىشى كېرەك، جۇڭگودا بىر قەدەمدىن ماڭساڭمۇ، مىڭ چاقىرىم ماڭالايسەن دەيدىغان گەپ بار، بىز پۇختا، ئەمەلىي ئىلگىرلەپ، جۇڭگو ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى سىجىل راۋاجلاندۇرۇشىمىز لازىم. 
    شى جىنپىڭ ۋە مودىنىڭ ئورتاق شاھىد بولۇشى ئارقىسىدا ئىككى تەرەپ توك يەتكۈزۈش تىرانسىفورماتور ئەسلىھەسى كەسپى باغچە رايونى قۇرۇش، جۇڭگونىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى بىلەن گۇجارات ئىشتاتى، گۇاڭجۇ شەھىرى بىلەن ئەخمەدئاباد شەھىرى دوست ئۆلكە ئىشتات، دوست شەھەر بولۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شى جىنپىڭ مودى سوۋغا قىلغان ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋىي كىيىمىنى كىيىپ، گەندىنىڭ بۇرۇنقى تۇرالغۇسىغا كېلىپ، مودىنىڭ ھەمراھلىقىدا بىرلىكتە ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، مودى شى جىنپىڭغا گەندى تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋە كۆرەش قىلغان جەريانلارنى تونۇشتۇردى، شى جىنپىڭ گەندىنىڭ مىس ھەيكلىگە ھۆرمەت بىلەن گۈل بەرگى چاچتى، گەندى ئىلگىرى تۇرغان ئۆيگە كەلگەندە مودى گەندىنىڭ ئاددىي ساددى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى ھەمدە شى جىنپىڭغا گەندى ۋە تىنچلىق، ئىشچانلىق روھىغا سىموۋىل قىلىنغان قولدا توقۇلغان پاختا يىپنى سوۋغا قىلدى، شى جىنپىڭ ئىلگىرى گەندى ئىشلەتكەن يىپ ئىگىرىش چاقىنى چۆرگىلىتپ باقتى، مودى شى جىنپىڭغا گەندى توغرىسىدىكى كىتاپ ۋە ئەينى يىللىرى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى جۇڭگولۇقلار گەندىنى قوللىغانلىقى ھەققىدىكى گېزىتنى سوۋغا قىلدى، شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ھىدنسىتان خەلقى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا ئۆزئارا ھىسداشلىق قىلىشپ، ئۆزئارا قوللاپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، بىز ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، نۇرلاندۇرۇشىمىز كېرەك. 
    گەندىنىڭ كونا تۇرالغۇسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن شى جىنپىڭ بىلەن مودى بىرلىكتە شەھەر مەركىزىگە كېلىپ، دەريا قىرغىقى باغچسى تەرەققىيات تۈرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، مودى ئۆزى شى جىنپىڭغا چۈشەندۈرۈپ ماڭدى، گۇجارات ئىشتاتىدىكى ئامما ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئۆخشاش بولمىغان ئۇسلۇبىدا ئەنئەنىۋىي ناخشا ئۇسۇل نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى، شى جىنپىڭ بىلەن مودى پات پات توختاپ ئولتۇرۇپ، قىزغىن پاراڭلاشتى، مودى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەريا قىرغىقى تەرەققىيات تۈرى ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇجارات ئىشتاتى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مۇھىت ئاسراشنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ خىل قېلىپنى ئومۇملاشتۇرىۋاتىدۇ، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ھىدنسىتان ئۆز دۆلىتى ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، بىز ئۆزئارا ئەينەك قىلساق بولىدۇ. 
    زاۋال ۋاقتى بولغاندا مودى شى جىنپىڭنى چېدىرغا تەكلىپ قىلىپ داۋاملىق پاراڭلاشتى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قارىشى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى، شۇ كۈنى مودىنىڭ 64 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، شى جىنپىڭ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى، مودى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، ئۇنتۇلغۇسىز ئۆتكۈزدۈم، كېلەر يىلى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يېڭى دېھلىدا داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى كۈتمەكتىمەن.





كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق