باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ ھىندىستان خەلق پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-19 16:15:16

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

 دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-سېنتەبىر يېڭى دېھلىدا ھىندىستان خەلق پالاتاسىنىڭ باشلىقى  سۇمىتىرا ماخاجەن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پالاتا باشلىقى سۇمىتىرا ماخاجەن ھىندىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھىندىستان خەلق پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە جۇڭگو ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تېز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئىككى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلىتى، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات نىشانى بىردەك، تەرەققىيات قارىشى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى ماس كېلىدۇ. ئىككى دۆلەت ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىر بىرىنى تولۇقلاپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ تەرەققىيات شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى چوڭقۇر. مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىمدە ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھىندىستان خەلق پالاتاسى بىلەن، جۇڭگو كومپارتىيىسى ھىندىستان خەلق پارتىيىسى بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىق ۋە دوستلۇقنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

سۇمىتىرا ماخاجەن ھىندىستان خەلق پالاتاسىغا ۋاكالىتەن شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى،  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستان بىلەن جۇڭگو خەلقى ئۇزاق مۈددەتلىك قويۇق دوستانە ئالاقە تارىخىغا ئىگە، ھىندىستان خەلقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دوستلۇققا ۋارسلىق قىلىپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھىندىستان خەلق پالاتاسى  ۋە ھىندىستاننىڭ پارلامېنت ئەزالىرى جۇڭگو بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ،  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجىربىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جېچىلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق