باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-22 09:45:02

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-سىنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

    جۇڭگو كومپارتيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش زالىدا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسىلھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى داغدۇغۇلۇق تەبرىكلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي مەسىلھەت كېڭىشى خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم شەكلى، خەلق سىياسى مەسىلىھەت كېڭىشى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى نەزىرىيەسى ، تۈزۈمى، خىزمتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېموكراتىيە شەكلىنى موللاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇھلار، ھەرقايسى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى مىللەت، ھەرقايسى قاتلام ۋە ھەرقايسى ساھەدىكى ئەربابلارنى دۆلەت ئىشىنى ئورتاق كېڭىشىشكە ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، كەڭ ئۈنۈملۈك خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. 
    جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۇنشەن، ۋاڭ چىشەنلەر قاتناشتى، جۇڭگو كومپارتيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۇ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 
    يىغىن داغدۇغۇلۇق دۆلەت شېرئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ 65يىللىق مول ئەمەلىيتىىدە قىممەتلىك تەجرىبىلەر توپلىنىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى قىلىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم پىرىنسىپ بېكىتىپ بەردى، خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن چوقۇم جۇڭگو كومپارتيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق سىياسى كېڭىشىنىڭ ماھايەتلىك ئورنىدا، بۈيۈك ئىتتىپاقلىشىش ۋە بىرلىشىشتە، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتىلىدى: كېڭىشىش دېموكراتىيەسى جۇڭگونىڭ سوتسيالىستىك دېموكراتىك سىياسىسىدىكى ئۆزگىچە، ئالاھىدە دېموكراتىيە شەكلى، مۇستەھكەم مەدەنىيەت ئاساسى، نەزىرىيە ئاساسى، ئەمەلىيەت ئاساسى، تۈزۈم ئاساسى بار، خەلق خوجا بولۇشنى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى خىزمەتلەردە، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كونكېرت، رىيال ئىپادىلەش كېرەك، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بارلىق خەلق ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت كەڭ كېڭىشىشى، بىر جايدىكى خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى كەڭ كۆلەمدە مەسىلھەت قىلىشى، قىسمەن ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىشلارنى بۇ ئامما ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە كېڭەشكە قويۇش، ئاساسى قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىشىنى ئاساسى قاتلامدىكى ئامما ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە كېڭىشىش كېرەك. 
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق ئاممىسى سوتسيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھەل قىلغۇچ تەدبىر ۋە خىزمەتلەر ئاساسلىقى ئاساسى قاتلاملاردا يۈز بېرىدۇ، شۇڭا خەلق ئۈچۈن كېڭىشىش تەلىپى بويىچە ئاساسى قاتلامدا كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، بۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسى قاتلامدىكى ئامما ئارىسىدا كېڭىشىشتە، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى تۈزۈشتە ئاممىنىڭ پىكىرىنى تولۇق ئاڭلاش، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى جەھەتلەردە ئامما بىلەن كېڭىشىش كېرەك، ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرى ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھاكىمە قىلىش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋال ۋە پىكىرلەرنى يۇقۇرىغا يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ياخشى باشقۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى ئاشكارىلاش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، ئەدلىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردە ئىش بېجىرىشنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئاشكارە يۈرگۈزۈشىگە قولايلىق يارىتىش كېرەك.

 



كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق