باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيە ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-23 13:46:12

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدا پۈتۈن ئارمىيە ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنىڭ يېڭى تەلىپى ئالدىدا، پارتىيەنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر يېڭىچە قوماندانلىق ئورگىنىنى تېرىشىپ قۇرۇپ، ھەربىي خىزمەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ ئۇچۇرلاشقان دائىرىلىك ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قوماندانلىق تارماقلىرى ئارمىيەنىڭ قوماندانلىق يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەربىي قۇرۇلۇش ۋە ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك قوماندانلىق تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ يوليورۇقلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي قۇرۇلۇش ۋە ھەربىي ھەرىكەتنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە تەشكىللەپ، تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈنۈملۈك ئورۇنلىدى شۇنداقلا ئۆز قۇرۇلۇشىنىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇيرۇق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، غايە، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، قوماندانلىققا قەتئىي بويسۇنۇپ، سىياسىي، ھەربىي بۇيرۇقلارنىڭ راۋانلىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ يوليورۇقىنى ئۈنۈملۈك، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئۇرۇش قىلىشقا تېخىمۇ ماھىر بولۇپ، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇپ، كۈرەش روھىنى يېتىشتۈرۈپ، مەشىقنى ئەمەلىي ئۇرۇشلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۇرۇش ھەققىدە ئىزدىنىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن تەييارلىقنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. خەلقئارا ئىستراتېگىيە ئەندىزىسى بىلەن ئىچكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، دۇنيا يېڭى ھەربىي ئىنقىلاب ۋەزىيىتىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆگىنىشچان ئىشتاب بولۇشقا تېرىشىش لازىم. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى پۇختىلاپ، تۈرلۈك تەرتىپكە سېلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەربىي ئىنتىزامنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىسىمنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەنى ئاڭلىق ئازاد قىلىپ، كۆز قاراشتا بۇرۇلۇش ياساپ، ئىسلاھات ئومۇملۇقىغا بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھىمايە قىلىپ ۋە قوللاپ، ئىسلاھاتقا ئاتلىنىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ھەم ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، لاياقەتلىك جاۋاب بېرىش لازىم.

شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن پۈتۈن ئارمىيە ئۆگىنىش، تەتقىقات كۇرسىنىڭ باھالاش خىزمىتى ۋە نەق مەيدان مانېۋىرىنىڭ سىنئالغۇسىنى كۆردى.

 

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق