باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
كۇڭزى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 2565 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-25 14:58:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا كۇڭزى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 2565 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە خەلقئارا كۇڭزى تەلىماتى بىرلەشمىسى 5-نۆۋەتلىك ئەزالار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخنى ئۇنتمىغاندىلا ئاندىن كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ، ۋارىسلىق قىلىشقا ماھىر بولغاندىلا ئاندىن يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولغىلى بولىدۇ. تارىختىن كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللىي مەدەنىيەت قان تومۇرىدا يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن بۈگۈنكى ئىشلىرىمىزنى ياخشى قىلالايمىز. ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، سىڭىشىشى، ئۆز-ئارا ئۆگىنىشى ۋە ئەينەك قىلىشى- دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ، بۇ ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشتىكى زۆرۈر يول.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۇڭزى بەرپا قىلغان كۇڭزى تەلىماتى ھەمدە مۇشۇ ئاساستا تەرەققىي قىلغان كۇڭزى ئىدىيەسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، بۇ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. كۇڭزى ئىدىيەسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن باشقا ئىدىيە، مەدەنىيەت بىلەن بىرگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى يۇرت ماكانىنى گۈللەندۈرۈش كۈرىشىدە قانات يايدۇرغان روھى پائالىيەتلەر، ئېلىپ بارغان ئىدراكىي تەپەككۇرى، ياراتقان مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خاتىرىلىدى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەنىۋى ئىزدىنىشىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تىنىم تاپماي ئىزدىنىشى، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مۇھىم ئوزۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىنسانلار نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىنسانلار ھازىر بايقىغان ۋە تەرەققىي قىلغان ئەقلى ۋە كۈچىدىن پايدىلىنىشقا، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ تارىختا توپلىغان ۋە ساقلىغان ئەقلى ۋە كۈچىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، مەدەنىيىتىنىڭ مول پەلسەپىۋى ئىدىيەسى ، مەدەنىيەت روھى، تەربىيە بېرىپ تەسىرلەندۈرۈش ئىدىيەسى، ئەخلاق قارىشى قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ تونۇشى ۋە دۇنيا ئۆزگەرتىشىگە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە، شۇنداقلا ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق ئىلھام بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە رېئال مەدەنىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىش- ياخشى ئىگىلەشكە تېگىشلىك چوڭ تېما. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرغا قويدى: 1-، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش؛ 2-، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش؛ 3-، مەدەنىي ئۆگىنىش، ئەينەك قىلىشنى توغرا ئېلىپ بېرىش؛ 4-، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتكە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان قىسمەن چەتئەللىك مېھمانلار ۋە خەلقئارا كۇڭزى تەلىماتى بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

خەلقئارا كۇڭزى تەلىماتى بىرلەشمىسى 1994-يىلى 10-ئايدا بېيجىڭدا قۇرۇلغان، دۇنيادىكى بەش قىتئەدىكى 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان.

 

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق