باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
گوۋۇيۈەن دۆلەت بايرىمىلىق زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-01 08:55:47

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن تۈنۈگۈن كەچتە خەلق سارىيىدا دۆلەت بايرىمىلىق زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو ۋە چەتئەللىك ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق كىشى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋەكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر جەڭچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەرباپلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى؛ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى؛ يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مەدەت ۋە ياردەم بەرگەن دوست دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بىز جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشىمىز، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ باشقا دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار بىلەن بولغان قويۇق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىمىز، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلىشىمىز كېرەك. بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى ئورتاق غايە-ئېتىقاد ئارقىلىق مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو كۈچىنى جۇڭگو روھى ئارقىلىق ئۇرغۇتۇپ، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بەرپا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشىمىز لازىم.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق