باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
ج ك پ م ك س ب يىغىن ئېچىپ، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدىغان ھۆججەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-01 08:59:17

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، پارتىيەدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەربىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنى 20-ئۆكتەبىردىن 23-ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» لايىھەسىگە پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدا بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن تۈزىتىلگەندىن كېيىن 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق