باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
جايلار خىلمۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-02 15:18:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

1-ئۆكتەبىر  كۈنى  تاڭ نۇرى تيەنمىن مەيدانىنى يورۇتۇشى بىلەن تەڭ  مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 120 مىڭ كىشى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەر ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ خىلمۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان ھىسسىياتىنى ئىپادىلەشتى.

تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە «ۋەتەننى مەدىھلەيلى» ماۋزۇلۇق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، فۇجۇدىكى 1-ماي مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت قىسمى مەغرۇر قەدەم تاشلاپ مەيدانغا كىرىپ كېلىپ، دۆلەت بايرىقىنى ھىمايە قىلىپ سەھنە ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ھەممە دىققەتنى يىغىپ مەيدان سۈكۈتتە تۇردى. «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆكتە لەپىلدىدى.
تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا  1000 گە يېقىن جۇاڭزۇ ئاممىسى گۇاڭشىنىڭ فۇسۈي ناھىيىسى چۈلىن بازىرى ليەنسۈي كەنت كومىتېتىغا يېقىن ئەتراپقا يىغىلىپ، دۆلەت شېئىرى ئاستىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقاردى. شۇ كۈنى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى چېگرىسى، دېڭىز بويى 1-سېپىدىكى مەمۇرىي كەنتلەر، مىللىي يېزىلاردىكى ھەر قايسى «دۆلەت بايرىقى قۇرۇلۇش» نۇقتىسىدا دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى.

ئۆكتەبىردىكى لاسا شەھىرىنىڭ ئاسمىنى خۇددى يۇيۇپ قويغاندەك كۆپ كۆك ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ئورگىنىدىكى كادىر، ئىشچى خىزمەتچىلەر، شىزاڭ ھەربىي رايونى، قۇراللىق ساقچى قىسىم شىزاڭ باش ئەترىتى، ئوقۇغۇچىلار، ئامما قاتارلىق ھەر ساھە  كىشىلىرى بولۇپ 3000 دىن ئارتۇق كىشى بۇدالا سارىيى مەيدانىدا «دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇش» مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. قۇراللىق ساقچى قىسىم شىزاڭ باش ئەترىتى 1-شۆبە ئەترىتى 1-مۇئاۋىن شۆبەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لۇ جۇڭچۈەن مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى پەيتىدە دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇش مۇراسىمى ئارمىيىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا يەنە بىر قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى.  بىز دۆلەتنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا شاڭخەينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سېستىمىسىدىكى تۆت ساقچى  تىك ئۇچارىدىن تەركىب تاپقان  ئايروپىلان ئەترىتى خۇاڭپۇ دەرياسى ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى، باشلامچى تىك ئۇچارغا ھەيۋەتلىك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئېسىلغان بولۇپ، خۇڭپۇ دەرياسى ئىككى قىرغىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ  ھەيۋەت بولۇپ كەتتى.

خۇاڭپۇ دەرياسى بويىدا، 80 ياشتىن ئاشقان يېڭى 4-ئارمىيىنىڭ پىشقەدەم جەڭچىسى گېن جىلياڭ دۆلەت بايرىقىغا قاراپ ئىگىلىپ سالام بېرىپ ئىھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستىدىكى بالىلارنىڭ كۈلكە چىرايىنى كۆرۈپ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد باغلىدىم. «مەن بالىلارنىڭ ئەجدادلارنىڭ كونا جەمئىيەتتە تارتقان ئازاۋى ۋە جاپاسىنى چۈشىنىپ، بۈگۈنكى تىنچلىق ۋە گۈللىنىش، تەرەققىياتنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

يانفون ئىكىرانى ئارقىلىقمۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىغا بولغان تىلىكىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ. بىر تورداش سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: توردىكى بايراق چىقىرىش پائالىيىتى «مەۋھۈم» بولسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن مۇقەددەس، ھەم ئىنتايىن يېڭىچە ئۇسۇل، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ياشلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسسىياتىنى ئىپادىلەش سەھنىسىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

1-ئۆكتەبىر يۈشۇ شەھىرى ئۆتكەن يىلى ئومۇميۈزلۈك قايتىدىن بەرپا قىلىشنى تاماملىغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئۆكتەبىر بايرىمى، نۆۋەتتە يۈشۇدا گەرچە ھاۋا رايى تەدرىجى سۇۋىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما كوچىلار قىزىپ كەتتى، نۇرغۇن ساياھەتچى يېڭىدىن قۇرۇلغان گېسار مەيدانىدا رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، يۈشۇ شەھىرى ناخشا ئۇسۇل ئويۇنلىرى بىلەن بايراملىق خۇشال كەيپىياتقا چۆمدى.
خېيلۇڭجياڭنىڭ داچىڭدىن جىلىننىڭ چاڭچۈنگىچە؛ جياڭشىنىڭ جىڭگاڭشەندىن، شىنجېننىڭ شېكوۋغىچە؛ چېگرا ئېغىزىدىن جياڭسۇ جېجياڭ دېڭىز يۇرتلىرىغىچە   ئامما 1-ئۆكتەبىر كۈنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا بىرلىكتە تىلەكداشلىق بىلدۈردى

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق