باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گۇنھى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-10 16:55:02

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە ردىيو تورى 10-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-نويابىر خەلق سارىيىدا كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گۇنھى بىلەن كۆرۈشتى.
    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو-كورىيە ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمى ھەققىدىكى ماھىيەتلىك سۆھبەتنى ئەمدىلا تاماملىغانلىقىدىن خۇشاللىق بىلەن خەۋەر تاپتىم. جۇڭگو-كورىيە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەن سىز بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، زور مەسىلىلەر ھەققىدە ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دوستلۇق ھەمكارلىقنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى باشتىن-ئاخىر ياخشى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىدا تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن كورىيەنى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى قوشنىلار، ياخشى شېرىكلەرگە ئايلاندۇرۇشنى خالايمەن.
    پاك گۇنھى مۇنداق دېدى: بۈگۈن كورىيە بىلەن جۇڭگو تەڭ قۇتلۇقلاشقا ئەرزىيدىغان كۈن. كورىيە-جۇڭگو ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش دۇنيا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاسىيانى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا نىسبتەن ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەر. كورىيە ئالاقىدار كېلىشىملەرنىڭ بالدۇرراق ھاسىل قىلىنىشى ۋە كۈچكە ئىگە بولىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق روھىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، كورىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە ئۆزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كورىيە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ بانكىسىغا قاتنىشىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى پائال تەتقىق قىلىشنى خالايدۇ. 
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ چاۋشەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق، ئىزچىل، بىز ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەپ، جانلىق ئۇسۇل قوللىنىپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، ھەر قايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش چارىسىنى تېزرەك تېپىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو كورىيە بىلەن چاۋشەننىڭ جەنۇپ-شىمال مۇناسىۋىتىنى سۆزلىشىش مېخانىزمى ئارقىلىق ياخشىلىشىنى قوللايدۇ.
    پاك گۇنھى كورىيەنىڭ ئالاقىدار مەيدانى ۋە تەشەببۇسىنى تونۇشتۇردى، كورىيەنىڭ جۇڭگونىڭ يېرىم ئارال ئىشلىرىدا ئوينىغان مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى بالدۇرراق قايتىدىن باشلاشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-كورىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جۇڭگو-كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئاياغلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يىغىن خاتىرىسى، جۇڭگو-كورىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە، ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاسپورتى بارلارغا ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى قاتارلىق ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىد بولدى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق