باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەتلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-13 14:41:07

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەتلەشتى، سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن ئىجابىي سۆھبەتلەشتىم، سۆھبىتىمىزنىڭ نەتىجىسى مول بولدى، بىز نۇرغۇن ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدۇق.

شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتتە ئېرىشكەن كونكېرت نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى، ھازىرقى ئۆزىگىرىشچان مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى، ھەمكارلاشقىلى بولىدىغان ساھەلەرنى تېخىمۇ كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى رولى تىلغا ئېلىنغاندا شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھازىرقى خەلقئارا سىستېمىغا قاتناشقۇچى، ئۇنى قۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭغا تۆھپە قوشقۇچى. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەكشىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتىگە ئەڭ كۆپ قوغدىغۇچى خادىم ئەۋەتكەن دۆلەت، ھازىرغىچە جەمئىي 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ئادەم ئەۋەتتى. جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ دېڭىز قاراقچىلىرى دائىم ھەرىكەت قىلىدىغان ئادەن قولتۇقىغا 45 قېتىم پاراخوت ئەۋەتىپ قوغداش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. جۇڭگو ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزىمغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، خەلقئارالىق تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى، جۇڭگو خەلقى غەربىي ئافرىقىدا ئېبولا يۇقۇمى يامرىغاندا ھېسداشلىق قىلدى، جۇڭگو 4 تۈركۈمدە 750 مىليون يۈەن ياردەم قىلدى، ھازىر 300دىن ئارتۇق داۋالاش خادىمى يۇقۇم يامرىغان رايوندا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىز دۆلەت ئىقتىدارى ۋە ئورنىغا ماس ھالدىكى خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىۋاتىمىز. بىز ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىشكە بوشاشماي كۈچ چىقىرىمىز، ھەر خىل خىرىسلارغا تەڭ تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا تىگىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز.

ئوباما مۇنداق دېدى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 35 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ھەمكارلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش كۆپ بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىشىشى ئامېرىكىغا، جۇڭگوغا ھەتتا دۇنياغا نىسبەتەنمۇ ياخشى ئىش. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىش يوشۇرۇن كۈچى زور. مەيلى ئىككى تەرەپلىك، رايون ياكى دۇنيا قاتلىمىدىن بولسۇن ئامېرىكا جۇڭگونى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى دەپ بىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئامېرىكىنىڭ ئاسىيانى يەنە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يادروسى. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مەنپەئەتنىڭ بىرىكىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سەمىمىي ۋە ئىجابىي سۆھبەت ئارقىلىق پەرق ۋە ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ئورنىتىدۇ. مېنىڭ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشەنچىم كامىل.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق