باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-18 16:24:51

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-نويابىر ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا «جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ تەرەققىيات ئارزۇسى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ رايون گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولى ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان سىياسىتىنى شەرھلىدى، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يېزىپ چىقىشنى تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو-بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەت، باشقىلار بۇ چوڭ دۆلەتنىڭ زادى قانداق يولدا ماڭىدىغانلىقىغا چوقۇم دىققەت قىلىدۇ. مەن بۇ يەردە كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلگەن بىر نەچچە مەسىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن: 1-جۇڭگو تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن ھەرگىز تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەزەلدىن تىنچلىقنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن. جۇڭگو ئىناق، مۇقىم ئىچكى مۇھىت ۋە تىنچ-بىخەتەر خەلقئارا مۇھىتقا ئەڭ ئېھتىياجلىق، ھەر قانداق داۋالغۇش ۋە ئۇرۇش-جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. 2-جۇڭگو ئورتاق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرىدۇ، بۇ قارىشىدىن تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭگو ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ، جۇڭگو ئىناق، مۇقىم ئىچكى مۇھىت ۋە تىنچ-بىخەتەر خەلقئارا مۇھىتقا ئەڭ ئېھتىياجلىق، ھەر قانداق داۋالغۇش ۋە ئۇرۇش-جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. 3-جۇڭگو ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەمكارلىق، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو قوشنىلار بىلەن ئىناق، ئەپ ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سەمىمىي، دوستانە بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇش قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، سىجىل بولغان ئاسىيا بىخەتەرلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئاۋسترالىيەنى باشتىن-ئاخىر مۇھىم شېرىكى دەپ قارايدۇ. يېڭى باشلىنىش ۋە يۈكسەكلىكتە تۇرغاندا، بىز تېخىمۇ يىراققا نەزەر سېلىپ، تېخىمۇ كەڭ، ئازادە قەلب بىلەن تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان سەمىمىي شېرىكلەردىن بولۇشىمىز؛ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان يېقىن ھەمراھلاردىن بولۇشىمىز؛ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئوي-پىكرى بىر يەردىن چىقىدىغان سىرداش دوستلاردىن بولۇشىمىز؛ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە ئۆتىدىغان ئىناق قوشنىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق