باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
لى كېچياڭ جېجياڭدا خىزمەت تەكشۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-21 16:25:05

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 19-نويابىردىن 21-نويابىرغىچە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ، خاڭجۇ قاتارلىق جايلىرىدا خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ يېزا، شەھەرلەرگە بېرىپ، كارخانا، سودا شەھەرچىسى، سودا بانكىلىرىنى تەكشۈردى، ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، لى كېچياڭ ئالدى بىلەن «تور دۇكىنى ساھەسىدىكى 1-كەنت» دەپ نامى بار يىۋۇ شەھىرى چىڭيەنليۇ كەنتىگە باردى.

ئۇ ئالدى بىلەن ساياھەت سومكىسىنى توپ ساتىدىغان بىر دۇكانغا كىردى، بۇ تور دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن يېزىغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ، بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا دۇكاننىڭ ئايلىق سېتىش سوممىسىنى بىر مىليون يۈەندىن ئاشۇرغان شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولغان. لى كېچياڭ بۇنى ئاڭلاپ خۇشال ھالدا، ئۇنى ھەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغۇچى ھەم ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

چىڭيەنليۇ كەنتىدىكى تور دۇكانلىرىنىڭ تەرەققىياتى يەنە كەنتتىكى چوڭ-كىچىك 20 نەچچە تېز يەتكۈزۈش شىركىتى تور نۇقتىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان. لى كېچياڭ بىر تېز يەتكۈزۈش شىركىتى تور نۇقتىسىغا كىرىپ، خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى توختىماي ماختىدى.

يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلىرى داڭ چىقارغان، «دۇنيانىڭ چوڭ تاللا بازىرى» دېگەن نامى بارا يىۋۇدا يۈزدىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون كەلگەن ئون مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك سودىگەر دائىملىق تۇرىدۇ. لى كېچياڭ 20-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن چەتئەللىك سودىگەرلەر توپلانغان يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھىرىگە ئالايىتەن باردى.

يىۋۇلۇقلار ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، كولدۇرمىلىرىنى جاراڭلىتىپ جاھاننى ئايلىنىپ سودا قىلىپ، دەسلەپكى مەبلىغىنى جۇغلىغان. سودا شەھىرىدىكى بىر پېشقەدەم سودىگەر نەچچە ئون يىل ئىلگىرىكى بىر كولدۇرمىنى زۇڭلىغا سوۋغا قىلدى. لى كېچياڭ كولدۇرمىنى جىرىڭلاتقاچ، بۇ كولدۇرما يىۋۇ روھىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ئىكەن، ئۇنى دۆلەت مۇزېيىغا سوۋغا قىلىش كېرەك دېدى.

لى كېچياڭ خاڭجۇدىكى مەزگىلىدە گېلى پاي كونترول گۇرۇھىنى تەكشۈردى. لى كېچياڭ 21-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەققىدە پاراڭلاشتى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق