باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ فىجىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-22 12:06:23

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-نويابىر ناندىغا يېتىپ بېرىپ، فىجىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى، ئۇ يەنە تىنچ ئوكياندىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ناندى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قوندى. ئايروپىلان قونۇش يولىدا مېڭىپ، سۇ چۈشۈرگىسىدىن ئۆتتى، بۇ-شۇ جاينىڭ ئەڭ قىممەتلىك مېھمانلارغا كۆرسىتىدىغان ھۆرمىتى بولۇپ، مېھمانلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. فىجى زۇڭلىسى مۇباي نىماراما ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئايروپىلان شوتىسىنىڭ يېنىدا شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى كۈتۈۋالدى. مۇباي نىماراما ئايرودۇرۇمدا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: فىجى-تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرى رايونىدىكى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 39 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا مول نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. مەن فىجى رەھبەرلىرى بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى پىلانلاشنى كۈتۈۋاتىمەن. مەن يەنە ناندىدا تىنچ ئوكياندىكى سەككىز ئارال دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشۈپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغۋار پىلانىنى بىرلىكتە كېڭىشىمەن. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ جۇڭگو بىلەن فىجى ھەم تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ يېڭى زېللاندىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن ناندىغا يېتىپ بارغان ئىدى. ئوكلاندتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى جون كىر شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى قاتارلىقلارنى ئايرودۇرۇمغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق