باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
مەملىكەت بويىچە كۈزلۈك ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-25 10:46:02

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىش ئاياغلىشىش باسقۇچىغا كىردى، جايلاردىن مول ھوسۇل خەۋەرلىرى يېتىپ كېلىشكە باشلىدى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىندى دېدى.

خۇاڭخې، خۇەيخې، خەيخې تۈزلەڭلىكىدە، ئاشلىق يىغىۋېلىش ئاياغلىشىپ، يوغان-يوغان دان تۇتقان شال ئاخىرى دېھقانلارنىڭ ئامبارلىرىغا جايلاشتى، ئۇۋىتىلغان شاخ-شۇمبىلار ئېتىزغا قايتۇرۇلۇپ يېڭى ھوسۇلغا تەييارلىق قىلىندى. تۇپراقنى ئوغۇتلاشنىڭ ئارقىسىدا يەنە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتىنىڭ رولىمۇ چوڭ بولدى. بۇ يىل مەركەز مالىيەسى ئىككى مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى مەھسۇلات يارىتىش ۋە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ئەندىزىسى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكلەپ، ئاشلىقنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتىنىڭ 0.5 پوئېنىت كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولدى.

شىمال تەرەپتە بولسا ساپسېرىق پىشقان كۆممىقوناقلارمۇ يېڭىچە كومبايىن بىلەن ئورۇلۇشقا باشلىدى. باشقا يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، كومبايىندىن چىققىنى كۆممىقوناق بېشى بولماستىن، بەلكى ساپ كۆممىقوناق دېنى بولدى. بۇ ئارقىلىق، دان ئايرىش، قۇرۇتۇش قاتارلىق جەريانلار ئازىيىپ، يىغىۋېلىش ۋاقتى ئون كۈندىن ئىككى كۈنگە قىسقاردى.

يېڭىچە كومبايىن بىلەن يىغىش ئۇسۇلى-ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. بۇ يىل مەملىكەت بويىچە زىرائەت تېرىش، يىغىۋېلىشنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى تۇنجى قېتىم %61 تىن ئېشىپ، ئون يىل بۇرۇنقىدىن 27 پوئېنىت يۇقىرى بولدى.

شەرقىي شىمال تۈزلەڭلىكىدە، ئېتىزلارغا ساپسېرىق كۆممىقوناق توشۇپ كەتتى. گەرچە شەرقىي شىمال، خۇاڭخې، خۇەيخې ۋادىسىدىكى قىسمەن جايلار قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جايلارنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى يەنىلا 1600 جىڭدىن يۇقىرى بولدى.

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئايان بولۇشىچە، 20-نويابىرغىچە، مەملىكەت بويىچە كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ %99 ى يىغىۋېلىنغان بولۇپ، سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق