باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەر نەپ يەتكۈزىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-26 14:58:12

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-نويابىردىن 23-نويابىرغىچە تەكلىپكە بىنائەن بىرىسباندا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى، ئاۋىسترالىيە، يېڭى زېللانىيە ۋە فىجىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، تىنچ ئوكياندىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئارال دۆلەتلەر باشلىقلىرى بىلەن كوللىكتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئېرىشكەن مول نەتىجىلەر جۇڭگو ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ ئاۋىسترالىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە ئاۋىسترالىيە زۇڭلىسى ئاببوت بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئاۋىسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى. ئىككى دۆلەت جۇڭگو بىلەن ئاۋىسترالىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى ماھىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇشنى جاكارلىدى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدۇ.

جۇڭگو ھازىر ئاۋىسترالىيە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئېسكپورت قىلىدىغان 2-چوڭ بازارغا ئايلاندى، سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تيەنماۋ خەلقئارا گۇرۇھى «ئاۋىسترالىيە دۆلەت سارىيى»نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاۋ رۇڭجۈن مۇنداق دېدى: ئاۋىسترالىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىنىڭ كۆلۈمى داۋاملىق كېڭىيىدۇ، جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلار تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك، تۆۋەن باھالىق ئاۋسىترالىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ.

دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق جۇڭگو بىلەن يېڭى زېللانىيە ھەھكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يېڭى زېللاندىيەدە دېھقانچلىق ۋە چارۋىچىلىققا مەبلەغ سېلىشى شۇ يەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، ئىشلەپ چىقىرىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى جون كىر بىلەن بىرلىكتە دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار جۇڭگو-يېڭى زېللانىيە ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

جۇڭگو يىلى گۇرۇھى يېڭى زېللانىيەنىڭ جەنۇبىي ئارىلىدىكى خۇيمات شەھىرىگە 2 مىيارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئوكيانىيەدكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپ چىقىرىش بازىسى قۇرماقچى. يىلى گۇرۇھى ئىلگىرى سالغان 1 ملىيارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغنى قوشقاندا، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ يېڭى سەۋىيەنى ياراتتى.

رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىم فىجى ۋە بۇنىڭدىن باشقا جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى 7 ئارال دۆلەتنىڭ رەھبەلىرى بىلەن بىرمۇ بىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ، تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلۈپ، ئىككى تەرەپلىك دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

جۇڭگو كارخانىلىرى تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. نامراتلارغا، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق نۇرغۇن ئۇسۇللار ئارقىلىق، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، تەڭ تەرەققىي قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە جۇڭگونىڭ كەلگۈسى 5 يىلدا ئارال دۆلەتلەرنى 2000 كىشىلىك ئوقۇش مۇپاكات پۇلى ۋە 5000 تەربىيەلەش سانى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا بولغان قىزغىنلىقىنى يەنە ئەۋجگە چىقاردى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق