باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەركەزنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-28 22:05:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى بىرلىشىپ ئەۋەتكەن سەككىز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 16 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھى بويىچە، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيانقى مەركەز، گوۋۇيۈەن چىقارغان بىر يۈرۈش مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تېزدىن ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىش، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى قىيىن نۇقتا ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي خىزمەتنى ھۆرمەتلەيدىغان، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى-پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»دىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش، 2013-يىلى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئاساسلىق ۋەزىپىلەر، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاش ئەھۋالى بولۇپ، سەككىز جەھەتتىكى 35 تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش سىياسىتى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش سىياسىتى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش بولغان-بولمىغانلىقى، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ ساغلام، تەكشى بولغان-بولمىغانلىقى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن-ئېرىشمىگەنلىكى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي نەپ ئالغان-ئالمىغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تۈرلۈك مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشى، ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۈرلۈك مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى قىيىن نۇقتىلار ھەل قىلىنىدۇ؛ يەرلىكنىڭ مەركەزنىڭ مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرى يەكۈنلىنىپ، ساقلىنىۋاتقان پەرق ۋە مەسىلىلەر تېپىپ چىقىلىپ، سەۋەبى تەھلىل قىلىنىپ، تەرتىپكە سېلىش تەلىپى قاراتمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەرتىپكە سېلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ماھىيەتلىك ئىلگىرىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سۆھبەت يىغىنى ئارقىلىق، يەرلىكتىكى پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، 1-سەپكە بېرىپ، ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەھەللە، كارخانا، ئاممىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى يۈزمۇ-يۈز ئاڭلاش؛ يەرلىكنىڭ مەركەزنىڭ مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىجابىي ئىلگىرىلىشى ۋە ئۈنۈمى، يەرلىكنىڭ سىياسەت ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى ئاساسلىق قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ئىگىلەش؛ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، بىر قىسىم نۇقتىلىق سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى 3-تەرەپ باھالاش ۋە تور جەمئىيىتىدە باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، سېلىشتۇرما تەھلىل قىلىپ، تەكشۈرۈشنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ ھەقىقىي، ئەمەلىي تەكشۈرۈش ۋە تەرتىپكە سېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە باشقا تارماقلارنىڭ ئومۇملۇق ئېڭى، مەجبۇرىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پۇختا قەدەم تاشلاش، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ئىستىل بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، خەلق ئاممىسىغا بەرگەن ۋەدىنى نەقلەشتۈرۈش كېرەك.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق