باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
لى كېچياڭ:يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشنىڭ يادروسى ئادەملەرنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-29 16:39:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ 27-نويابىر دۆلەتلىك موزىيغا كېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش شارائىتى ئىلمىي تەتقىقات كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

لى كېچياڭ ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش شارائىتى ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەت مىساللىرى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشنىڭ يادروسى ئادەملەرنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش،تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە قىلىش. ئائىلە جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى. ئولتۇرۇشقا باب كېلىدىغان، ئازادە، بىخەتەر ئولتۇراقلىشىش شارائىتى يارىتىش يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تېگىشلىك مەجبۇرىيەت. شۇڭا ئىلمىي كۆز قاراش تۇرغۇزۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قارىتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قېلىپلاشتۇرۇشتا جانلىق بولۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنى يېشىل سىغدۇرۇشچان ئېناق، ئامما خاتىرجەم ياشايدىغان ئورگانىك ھاياتلىق گەۋدىسى قىلىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەرلەرنىڭ يېزىلارنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەل قۇرۇپ، شەھەر يېزىلارنىڭ ئىككىلەمچى قۇرۇلمىسىدىكى زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ،تاغ دەريالىرى تۇتاشقان يېزىلار بىلەن شەھەرلەر مەدەنىيىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، مىليونلىغان دېھقانلارنى يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.

لى كېچياڭ كونا شەھەرلەرنى ئۆزگەرتىش كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە . ھازىر كۆپلىگەن جايلاردىكى ئامما كەپىلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە. ئۆزگەرتىش قەدىمىنى يەنىمۇ تىزلىتىپ ھەم ئەتراپلىق پىلانلاپ ، لايىھىلەپ ۋە قۇرۇلۇش قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى كەپىلىك رايوندىن تىزراق خوشلىشىش ،يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن تېخىمۇ قۇلايلىق ، تېخىمۇ بەھۇزۇر تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.

لى كېچياڭ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئولتۇراقلىشىش كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۆزى كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاش ئۈستىدە ئىزدىنىش. زامانىۋى قاتناش، خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا شارائىتلارنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، نوپۇسنىڭ جايلىشىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قېلىپىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. «ئۈچ » يۈز مىليون كىشىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئوتتۇرا غەربىي رايونلاردىكى تېخىمۇ كۆپ نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ تەڭكەش تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. نوپۇس كۆپلەپ شەھەرلەرگە مەركەزلەشمەكتە،شۇڭا ئېنېرگىيە، سۇ، تۇمان، ئېكولوگىيە قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، مىليونلىغان ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاھالىلەرنىڭ ئىلىمى ئولتۇراقلىشىشدىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تەدبىر تېپىپ چىقىش لازىم.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق