باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
مەركەز تاشقى خىزمەت يىغىنى ئېچىلىپ شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-30 09:24:08

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنى ئۈلۈشكۈن ۋە تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى ۋە خەلقئارا ئومۇملۇقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دىپلوماتىيە زور فاڭجېنىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئاساسىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، تېرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى خىزمەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا كىردى. جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا، ئېلىمىز بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشىمۇ مىسلىسىز قويۇقلاشتى، ئېلىمىزنىڭ دۇنياغا تايىنىشى، خەلقئارا ئىشلارغا قاتنىشىشى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، دۇنيانىڭ جۇڭگوغا تايىنىشى، ئېلىمىزگە كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. ئېلىمىز ئىسلاھات، تەرەققىياتنى كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى بازىرى، خەلقئارا ۋە دۆلەت بايلىقى، خەلقئارا ۋە دۆلەت قانۇنىيىتىنى بىر تۇتاش ئويلىشىشى ھەم ئۇنىڭدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى بولۇشى لازىم. بىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، تاشقى خىزمەت قارىشىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى خىزمىتىنى روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلۇپ، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە قىلىشىمىز؛ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات يولى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، قىممەت قارىشى، مۇستەقىل ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان تىنچ دىپلوماتىيە فاڭجېنى، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ يولىدا، تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزدىن قەتئىي ۋاز كەچمەسلىكىمىز، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قەتئىي قۇربان قىلماسلىقىمىز؛ خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى، دۆلەتلەرنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز، باي-نامرات دەپ ئايرىماي ھەممىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئەزاسى دېيىش، دۇنيىانىڭ تەقدىرىنى چوقۇم ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىرلىكتە قولىدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ھەقىقىي، چىڭ تۇتۇپ، ئەتراپ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ئورنىتىپ، يېقىن، سەمىمىي ئۆتىدىغان، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان دىپلوماتىيە قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، قوشنىلار بىلەن ئەپ، شېرىك ئۆتۈش، قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش، قوشنىلارنى خاتىرجەم قىلىش، قوشنىلارنى بېيىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇش؛ چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي، ياخشى پىلانلاپ، ساغلام، مۇقىم بولغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋەت رامكىسىنى ئورنىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش؛ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش؛ كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيەنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېلىمىز بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ھەم سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىش؛ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسى ئۈستىدە تېرىشىپ ئىزدىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئارقىلىق تېخىمۇ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق