باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ تاشقى خىزمەت يىغىنىدىكى سۆزىدە يېڭى سىگنال چىقاردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-30 16:19:27

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يولداش شى جىنپىڭ مەركەز تاشقى خىزمەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا ئىككى يىل بولغان ھالقىلىق پەيتتە دۇنيا ۋەزىيىتى بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنى باھالاپ، بۈگۈنكى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدىكى يەنە بىر يېڭى سىگنالنى چىقاردى.

مۇتەخەسسىسلەر يەكۈنلەپ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى-ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ھەم تىنچلىق، تەرەققىياتقا پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا. ھەر تەرەپلىمە ھۆكۈم قىلغاندا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يەنىلا چوڭ ئىشلارنى قىلىشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ چوقۇم ئۆزىگە خاس چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى بولۇشى كېرەك. بىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، تاشقى خىزمەت قارىشىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى خىزمىتىنى روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلۇپ، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە قىلىشىمىز؛ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات يولى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، قىممەت قارىشى، مۇستەقىل ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان تىنچ دىپلوماتىيە فاڭجېنى، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ يولىدا، تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزدىن قەتئىي ۋاز كەچمەسلىكىمىز، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قەتئىي قۇربان قىلماسلىقىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئېلىمىزنىڭ تاشقى خىزمىتىدە، ئومۇمىي دۆلەت بىخەتەرلىك قارىشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچىسى، نەزەرىيە ئىشەنچىسى، تۈزۈم ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىنى قوغداش؛ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم، جۇڭگو ئارزۇسى-تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان، تەرەققىي قىلىدىغان، ھەمكارلىشىپ، تەڭ نەپ يەتكۈزىدىغان ئارزۇ، بىزنىڭ ئىنتىلىشىمىز جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتى. زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، زېمىن، ئارال تالاش-تارتىش مەسىلىسىنى ياخشى، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش؛ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا كۆپ دوست تۇتۇپ، يەر شارىنى قاپلىغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت تورىنى شەكىللەندۈرۈش؛ ئېلىمىزنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تاشقى تەشۋىقاتنى ياخشى قىلىش كېرەك.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق