باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئايرىپ باشقۇرۇش چارىسىنىڭ ئاشكارا پىكىر ئېلىش نۇسخىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-03 15:55:50

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى يېقىندا «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئايرىپ باشقۇرۇش چارىسىنىڭ ئاشكارا پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىن پىكىر ئالدى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: پۇقرالار ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، ساختىلىق قىلىپ، ئۆزگەرتىپ، ساختا ئىسپات ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، مىللەت تەركىبىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، مىللەتلەر ئىشلىرى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش پىكىرىنى بىكار قىلىشى كېرەك، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ئۆزگەرتىپ تىزىملاشنى بىكار قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالاقىدار تارماقلار ساختا مىللەت تەركىبى بىلەن بەھرىمەن بولىدىغان ئالاقىدار ھوقۇق مەنپەئەتىنى قايتۇرۇۋېلىشى لازىم؛ ئامانلىق ساقلاشنى باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بولغانلار بولسا، قانۇن بويىچە ئامانلىق ساقلاشنى باشقۇرۇش جازاسى بېرىشى، جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: پۇقرالارنىڭ مىللەت تەركىبى ئاتا ئانىسى ياكى ئانىسىنىڭ مىللەت تەركىبى بويىچە بېكىتىلىپ تىزىملىنىدۇ. بۇ چارىدە ئېيتىلغان ئاتا ئانىسى ئۆز ئاتا ئانىسى، باققان ئاتا ئانىسى ۋە ئۆگەي ئاتا ئانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇقرالارنىڭ مىللەت تەركىبى بېكىتىلىپ تىزىملانغاندىن كېيىن، ئادەتتە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا ئاساسەن، پۇقرالار 18 ياشقا توشمىغان بولسا، ئۇنىڭ قانۇن ۋەسىيسى مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالدا مىللەت تەركىبىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ: بىرى، پۇقرا 18 ياشقا توشمىغان، ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى نىكاھ مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولسا، ئۇنىڭ مىللەت تەركىبى بېقىش ھوقۇقى بولغان بىر تەرەپ بىلەن ئوخشاش بولمىسا؛ يەنە بىرى، پۇقرا 18 ياشقا توشمىغان، ئۇنىڭ مىللەت تەركىبى باققان ئاتا ئانىسى ياكى ئۆگەي ئاتا ئانىسىنىڭ مىللەت تەركىبى بىلەن ئوخشاش بولمىسا.

پۇقرا 18 ياشقا توشقان بولسا، بۇ كىشى 18 ياشقا توشۇپ ئىككى يىلغىچە ئۆزى خالىغان ئاساستا ئۆز ئاتا ئانىسىنىڭ مىللەت تەركىبىنى بىر قېتىم تاللىسا بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: جۇڭگو پۇقرالىرى چەتئەللىكلەر بىلەن نىكاھلىنىپ تۇغۇلغان ياكى قانۇن بويىچە بېقىۋالغان پەرزەنتلەر جۇڭگو تەۋەلىكىنى ئالغان بولسا، ئۇنىڭ مىللەت تەركىبىنى جۇڭگو پۇقراسىنىڭ مىللەت تەركىبى بويىچە بەلگىلەش كېرەك. چەتئەللىكلەر جۇڭگو تەۋەلىكىگە كىرگەن بولسا، ئۇنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئەسلىدىكى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مىللىتى بىلەن تىزىملاش كېرەك.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق