باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ تۇنجى دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى ئۈچۈن مۇھىم يوليورۇق بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-04 10:25:13

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

تۇنجى دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسىي قانۇن-دۆلەتنىڭ نېگىزلىك قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى بولۇپ، ئالىي قانۇنلۇق ئورنىغا، قانۇن نوپۇزى، قانۇن ئۈنۈمىگە ئىگە. ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى-دۆلەت ئەھۋالىغا، ئەمەلىيەتكە، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن ياخشى قانۇن، ئېلىمىز ۋە خەلقنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىق ھەم خېيىم-خەتەر، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشى، باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ قانۇنچىلىق كاپالىتى. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ھاكىمىيەتنى ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ خوجايىنلىقى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇننىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش؛ دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنى تەسىس قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقىي-تەربىيىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى كۈچلۈك نۇرلاندۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 3-دېكابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقىي-تەربىيىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى كۈچلۈك نۇرلاندۇرۇش» سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ مۇھىم ئورنى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ مۇھىم رولى ئېنىق كۆرسىتىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئاساسىي قانۇن تەشۋىقىي-تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قانۇن، قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل يولغا قويۇش، ئاساسىي قانۇننىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. بىز بۇنى چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى. ليۇ چىباۋ، مېڭ جيەنجۇ، ۋاڭ شېڭجۈن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىللىرى بولۇپ 300 چە ئادەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»دا، ھەر يىلى 4-دېكابىرنى دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، 4-دېكابىر-دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق