باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-12 11:42:26

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 9-دېكابىردىن 11-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئىچكى، تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى يەكۈنلىدى، 2015-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى كېچياڭ سۆزىدە كېلەر يىللىق ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى شەرھلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز ئۆتكەن يىلقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش ئاساسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ تىزگىنلەش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، قاراتمىلىق ھالدا ئىنچىكە ۋە ئالدىن تەڭشەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئۈمىدۋار ھالدا بىر قەدەر ياخشى ئورۇنلاپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە پائال ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا دۇچ كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى بىر قەدەر چوڭ چوڭىيىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە بىر قىسىم مەسىلىلەر پەيدا بولدى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىيىنچىلىقى ئېغىرلاشتى، ئىقتىسادتا بىر قىسىم خىيىم-خەتەر پەيدا بولدى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق