باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-13 15:57:14

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى: 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى 13-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن نەنجىڭدا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قەدىمدىن بۇيان تىنچلىق ئىنسانلارنىڭ ئارزۇسى بولۇپ كەلدى. تىنچلىق خۇددى قوياش نۇرىغا ئوخشاش ئىللىق، يامغۇر ۋە شەبنەمگە ئوخشاش نەمخۇش، قوياش نورى، يامغۇر، شەبنەم بولغاندىلا، جانلىقلار تىمەن ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ. تىنچلىق، مۇقىملىق بولغاندىلا، ئىنسانلار ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. تارىخ بىزگە تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، قوغداش كىرەكلىگىنى ئېيتىپ بەردى. ھەممە كىشى تىنچلىقنى قەدىرلەپ، تىنچلىقنى قوغدىغاندىلا، ھەممە كىشى ئۇرۇشنىڭ ئازاپ ئوقىبىتىدىن ساۋاق ئالغاندىلا، تىنچلىق ئۈمىدكە تولغان بولىدۇ.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجاڭ تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى- جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭدىكى چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قىرىنداشلار خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى باشلاندى. ھەربىي ئوركىستىر «پىدايىلار مارشى»نى ئورۇندىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ياڭراق دۆلەت شېئىرى پەلەكنى بىر ئالدى. دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن مەيداندا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا سۈكۈتتە تۈرۈپ تەزىيە بىلدۈرۈلدى. تەزىيە بىلدۈرۈش نەق مەيدانىدا ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ياڭرىدى، شۇ ۋاقىتتا، نەنجىڭنىڭ پۈتۈن شەھەر رايونىدىمۇ سىگنال ئاۋازى ياڭرىدى، ئاپتوموبىل، پويىز، پاراخوتلار گۇدۇك ياڭراتتى.

سۈكۈتتە تۈرۈش بىر مىنوت داۋاملاشتى. ھەربىي ئوركىستسر تۆۋەن ئاۋازدا رېكۋىئېمنى ئورۇنلىدى، 16مۇراسىم ئەسكىرى سەككىز غايەت چوڭ گۈل چەمبىرەكنى كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن تەزىيە بىلدۈرۈش سۇپىسىغا چىقىپ، گۈل چەمبىرەكنى «بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلار تېمى»ئالدىغا قويدى. نەنجىڭ شەھىرىدىكى 77 نەپەر ياش ئۆسمۈر چوڭقۇر ھېسىياتى بىلەن «تىنچلىق خىتابنامىسى»نى ئوقىدى، ئارقىدىن شى جىنپىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى، 85 ياشلىق شا شۈچىن ۋە پىئونىرلار ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە تەزىيە بىلدۈرۈش سۇپىسىغا چىقىپ، دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش داڭقىنىنىڭ يۇپۇقىنى ئاچتى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقدا قازا قىلغانلارغا تەزبىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىي ئۆتكۈزۋاتىمىز، ھەر بىر ئاقكۆڭۈل كىشى تىنچلىققا ئىنتىلىشى، تىنچلىقتا چىڭ تۇرۇشى، ئۆچمەنلىكنى داۋاملاشتۇرماسلىقى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە خەلقلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈشى ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىنسانلار تىنچلىقى ئۈچۈن بىرلىكتە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇشۇ ۋاقىتتا، جۇڭگو خەلقىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتكە بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قەتئىي ھىمايە قىلغۇچى ۋە كۈچلۈك قوللىغۇچى ئىكەنلىگىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشلارنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇزاق مۇددەت تىنچ بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى داغىدۇغىلىق ئېنىق جاكارلايدۇ.

تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە، دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى رەھبەرلەر خاتىرە سارىيى كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، «ئىنسانىيەتنىڭ بالايىئاپىتى- جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭدىكى چوڭ قىرغىنچىلىقى تارىخى ئەمەلىي كۆرگەزمىسى»نى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئەستايدىل كۆردى، نەنجىڭنى قوغداش ئۇرۇشى، ياپون ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭدىكى چوڭ قىرغىنچىلىقى، ياپون ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ تارىخى ئىسپاتى قاتارلىق كۆرگەزمە رايونلىرىدا شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختۇتۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

ئېكىسكۇرسىيە ئاياقلاشقاندا، شى جىنپىڭ، جاڭ دېجاڭلار ئىمزا قويۇش دەپتىرىگە ئىمزا قويدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشقان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغۇچىلار ۋەكىلى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ۋەكىلى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق