باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-15 10:03:57

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جياڭسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھالىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بۇ يىل ئاخىرلىشىپ قالاي دېدى، باش شۇجى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. شى جىنپىڭ 13-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئالدى بىلەن جېنجياڭ شەھىرى دەنتۇ رايونى شىيې بازارلىق شىپاخانىغا باردى، شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇغىلى بولمايدۇ. داۋالاش، ساقلىق ساقلاش خىزمىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ قارىتىپ، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش بايلىقىدا ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ داۋالىنىش تەس، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش لازىم.

يېزا ئىگىلىككە ئەھمىيەت بېرىش دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى-دېھقانلارنى بېيىتىشنىڭ ياخشى يولى. بۇ يولنى بويلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈپ، دېھقانلارنى ئىستىقبالى بار كەسىپكە ئىگە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ يەنە جېنجياڭ شەھىرى يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى يولداش جاۋ يافۇ بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نەتىجىسىنى بىپايان تۇپراقتا گەۋدىلەندۈرۈپ، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش لازىم دەپ تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ شۇ جاينىڭ يېڭى يېزا قۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، شى جىنپىڭ ئەشيا ئوبوروتى ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئامېرىكا ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن پىروفېسسور ماك شى جىنپىڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، جۇڭگوغا كېلىپ ئىشلىگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشىنى قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ مەزگىلىدە، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، جياڭسۇنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ياخشى تۇتۇشتا، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تۆۋەن ھالەتتىن ئوتتۇرا، يۇقىرى ھالەتكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، يېڭىلىق يارىتىشتا ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنى تۇتاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بىلەن كەسىپنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا تېرىشىپ ئالدىدا مېڭىپ، مەركەز ماقۇللىغان تۈرلۈك ئىسلاھات لايىھەلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئېكسپورت رىقابەت كۈچىنى چىڭىتىپ، دۆلەت ئىچى، سىرتىغا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكى زامانىۋىلاشمىسا، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈپ بېيتقىلى، دېھقانلارنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرگىلى بولمايدۇ، دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇكەممەل، ئەتراپلىق، پۇختا بولمايدۇ. تەرەققىي تاپقان جايلار بۇ جەھەتتە چوقۇم ياخشى باشلامچىلىق قىلىشى لازىم. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، كۈچلۈك قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكى، مەدەنىيەت ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، مەنىۋى تۈرتكىلىك كۈچىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مەنىۋىگە تىرەككە ئىگە قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كىشىلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇش؛ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا ئوخشاش خەلق تۇرمۇشىغىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنگە ئوخشاش خەلق تۇرمۇشى ۋەزىپىسىنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش-پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى-كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا. پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش-پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، چوڭ ياخشى شارائىتنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.


ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق