باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ نەنجىڭ ھەربىي رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-16 13:31:18

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 14-دېكابىر نەنجىڭ ھەربىي رايونى ئورگىنىنى كۆزدىن كەچۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ھەربىي رايوندىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سوراپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە، قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسىمنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن مۇقەددەس مەجبۇرىيەتنى ھەقىقىي، ياخشى ئادا قىلىشنى تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن 20 مىنۇت ئۆتكەنلەردە، نەنجىڭ ھەربىي رايونى ئارمىيە تارىخى سارىيىغا باردى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ نەنجىڭدىكى قىسىملارنىڭ دىۋىزىيەدىن يۇقىرى رەھبىرى كادىرلىرى ھەم نەنجىڭ ھەربىي رايونى ئورگىنىنىڭ پولىكتىن يۇقىرى رەھبىرى كادىرلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ۋە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

شى جىنپىڭ نەنجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىدىيە-سىياسىي خىزمەتنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا چىڭ تۇتۇش كېرەك. يېقىندا ئېچىلغان پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىدا، پارتىيەنىڭ ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇشتىكى مۇھىم مەسىلىلىرى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىپ ۋە ھەل قىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيە سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچ-ئۇنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىش، سىياسىي خىزمەتنى ياخشىلاش، يېڭىلاش، نۇقسان، ئىۋەنلەرنى تۈزىتىش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۈچ چىقىرىش كېرەك. شۈ سەيخۇ دېلوسىدىكى ئاچچىق ساۋاقلارنى ھەقىقىي قوبۇل قىلىپ، ئىدىيە، سىياسىي، تەشكىل، ئىستىل جەھەتتىن شۈ سەيخۇ دېلوسىنىڭ يامان تەسىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالىي، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كادىرلار-ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى باشلامچى تايانچلار، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تۈزەش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى پۇختىلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر رازى بولىدىغان ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئارمىيەنى قانۇن بويىچە، قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك ھالدا چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئارمىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش-ئارمىيەنى ئىدارە قىلىپ ئەسكەر باشقۇرۇشتىكى پولاتتەك ئىنتىزام شۇنداقلا قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇشنىڭ تۈپ قانۇنىيىتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك ھالدا چىڭ تۇتۇش؛ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزلۈكسىز پۇختىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئارمىيە خەلقنى سۆيىدىغان، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى تېرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.


ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق