باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتقانلىقىنى تەبرىكلەشكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاۋمېنغا باردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-19 16:32:18

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 20-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 4-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، 19-دېكابىر چۈشتە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئاۋمېنغا يېتىپ باردى.

شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان چۈش سائەت 12 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەنلەردە ئاۋمېن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئاستا قوندى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن مەخسۇس ئايروپىلاندىن چۈشكەندە، ئاۋمېن ساقچى ئوركىستىرى جاراڭلىق قارشى ئېلىش مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى، ئاۋمېنلىق ئىككى ئۆسمۈر شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلدى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن ۋە رەپىقىسى خۇ خۇيفېننىڭ ھەمراھلىقىدا، كۈتۈۋېلىشقا كەلگەن خادىملار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئاۋمېنلىق نەچچە يۈز ئۆسمۈر ۋە ھەر ساھە ۋەكىلى دۆلەت بايرىقى، رايون بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالدى، شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئاممىغا قول ئىشارىتى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ئايرودۇرۇمنىڭ زىيارەت رايونىدا، زىيارەت قىلغىلى كەلگەن جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى ئاۋمېن سەپىرىنىڭ مەقسىتى ۋە ئارزۇلىرىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەتە ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 15 يىللىق خاتىرە كۈنى. مەن بۇ قېتىم ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە، بۇ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە خاتىرە كۈننى تەبرىكلەپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارغا بولغان تىلىكىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلدىم. مەن ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى يوقلاپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 15 يىللىق قۇرۇلۇش تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى پىلانلاشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم ۋە نېگىزلىك قانۇننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى توغرا يولدا، ئاۋمېننىڭ چوقۇم بارغانسېرى مۇقىم، ياخشى تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، كۆپچىلىككە رەھمەت!

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق