باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئىشلىرى مۇقىم راۋاجلىنىپ، ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-24 16:25:22


    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
    2014-يىلى ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئىشلىرى داۋاملىق مۇقىم راۋاجلىنىپ، ياخشى نەتىجە ھاسىل قىلىندى.
     2015-يىلىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، قىيىنچىلىق ۋە خىرىس يەنىلا مەۋجۇت. ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى بىر قەدەر زور، قۇرۇلمىنى تەڭشەش بېسىمى نامايەن بولماقتا، ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى، يېڭى ھالەتتە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قانداق يېڭى مەنزىرە بارلىققا كېلىدۇ؟
     جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھالىتىدە، ئىلگىرىكى كۆلەم، مەھسۇلات مىقدارى، باھاغا تايىنىدىغان نوقۇل ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قېلىپى تەدرىجى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى. يېڭىلىق، ئۆزگىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان جۇڭگو كارخانىلىرى باھا زەنجىرىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
     مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «ئېلىمىز ئىقتىسادى ھالىتى تېخىمۇ يۇقۇرى، ئىش تەقسىماتى تېخىمۇ مۇرەككەپ، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان باسقۇچقا قاراپ ماڭماڭتا» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، مۇقىم ئېشىش بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قانداق ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم بولماقتا. نۆۋەتتە، مەركەزنىڭ مىنىستىرلىك، كومىتېتلىرى ئېچىۋاتقان يىللىق خىزمەت يىغىنلىرىدا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، يېڭى بىر يىلدىكى ئىقتىسادى خىزمەتتە، ئۇسۇلدا بۇرۇلۇش ياساش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدىكەن.
     مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا: ئېلىمىز مۇھىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى چەككە يەتتى ياكى يېقىنلاشتى، خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان  ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربۇنلۇق ئايلانما تەرەققىيات يېڭى ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
     يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى» كېلەر يىلى 1-يانۋار رەسمىي يولغا قويىلىدۇ. نۆۋەتتە، جايلار، كارخانىلار قانۇنغا ئاساسەن تەشۋىقات، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە. 
     ئىلگىرىكى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلىشتىن ھازىرقى مۇھىت ئاسراشنىڭ غېمىنى قىلىشقىچە، ئىلگىرىكى ياشاش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ھازىرقى ئېكلوگىيە ئۈستىدە ئىزدىنىشقىچە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئاممىنىڭ تۇرمۇش بەخت كۆرسەتكۈچىدىكى ئورنى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە.
     بۇ يىل، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا نۇرغۇن قىيىنچىلىق مەۋجۇت بولسىمۇ، خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىنىڭ سالمىقى ئاجىزلاشتۇرۇلمىدى، ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ياخشىلانماقتا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشماقتا. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كېلەر يىلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت يولغا قويىلىدۇ.
     مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دەل بولۇش»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دەل بولۇش» تىن ئىبارەت ئىككى يېڭى سۆزدىن كىشىلەر يېڭى ھالەتتىكى خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كۆرۈپ يەتتى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق