باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول جۇڭگودىكى چوڭ كۆلەملىك ھەمكارلىققا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-28 11:50:59

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گۈيياڭ-گۇاڭجۇ، نەننىڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغان كۈنى ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى 1-چوڭ ئىقتىساد ئۆلكىسى بولغان گۇاڭدۇڭ بىلەن ئۇنىڭغا قوشنا گۇاڭشى، گۈيجۇ گۈيياڭ-گۇاڭجۇ، نەننىڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 26-دېكابىر-گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، گۈيجۇنى كېسىپ ئۆتىدىغان گۈيياڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى، گۇاڭشىنىڭ مەركىزى نەننىڭ بىلەن جەنۇبنىڭ سودا مەركىزى گۇاڭجۇنى تۇتاشتۇرىدىغان نەننىڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدىمۇ شۇ كۈنى قاتناش باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن گۈيجۇدىن گۇاڭجۇغا تۆت سائەتتە، نەننىڭدىن گۇاڭجۇغا ئۈچ سائەتتە بىۋاسىتە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. رايون ئوتتۇرىسىدىكى ماكان-زامان ئارىلىقى زور دەرىجىدە يېقىنلاشتى، ئۈچ جايدىكى ھۆكۈمەت تەڭ بەرپا قىلىش، تەڭ بەھرىمەن بولۇش، تەڭ نەپ ئېلىش سىگنالىنى چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن كۆپەيگەن تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول پان جۇجياڭ دېلتىسىنىڭ رايون ھەمكارلىقىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

پان جۇجياڭ دېلتىسى رايون ھەمكارلىقى 2004-يىلى باشلانغان، 2013-يىلى پان جۇجياڭ دېلتىسىدىكى توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 18 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %33 نى ئىگىلەپ، جۇڭگودىكى ئىقتىسادى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىنىڭ ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشمۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ پان جۇجياڭ دېلتىسى رايون ھەمكارلىقى يولغا قويۇلغان جەنۇبتىكى جايلارنىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز بولدى. جەنۇبتىكى گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، خەينەن ئۆلكىلىرىنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان گۇاڭجۇ تۆمۈريول گۇرۇھىنىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى ئۈچ مىڭ كىلومېتىرغا يېقىنلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىدى.

پان جۇجياڭ دېلتىسى رايون ھەمكارلىقى يولغا قويۇلغان ئون يىلدا، بۇ رايوندىكى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئارقىلىق، رايون تېز سۈرئەتلىك غول لىنىيەسى شەكىللەندى. بېيجىڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، جۇجياڭ دېلتىسىدىكى جۇڭگونىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ تومۇرغا ئايلاندى. ۋۇخەن-گۇاڭجۇ، شيامېن-شېنجېن تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريوللىرىدىمۇ ئارقا-ئارقىدىن قاتناش باشلىنىپ، خۇبېي، خۇنەن، فۇجيەن بىلەن گۇاڭدۇڭنىڭ ئارىلىقىنى قىسقارتتى. بۇ قېتىمقى قاتناش باشلانغان گۈيياڭ-گۇاڭجۇ، نەننىڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولى گۇاڭشى بىلەن گۈيجۇدىن ئىبارەت پان جۇجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى قاتناش يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپ، پان جۇجياڭ دېلتىسى رايونىنى قاتناشنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە ھەقىقىي بۆسۈشكە ئېرىشتۈردى.

تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۈرتكە بولغان رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش، سودىنىڭ تېز تەرەققىياتى رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ۋۇخەن-گۇاڭجۇ، شيامېن-شېنجېن تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريوللىرىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭنىڭ نۇرغۇن سودىگەرلىرى خۇنەن، خۇبېي، فۇجيەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، دېڭىز ياقىسىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئىچكى جايلارغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى مەبلەغ، تېخنىكا، تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. گۈيياڭ-گۇاڭجۇ، نەننىڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولى تۇتاشقان ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە، گۇاڭدۇڭ بىلەن گۇاڭشى 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى بەلبېغىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، گۈيجۇ بولسا غەربىي رايوننىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقى. كەسپىي ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا قاتناش باشلىنىشى-ماكان-زامان ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى، يەنە دېڭىز يىپەك يولىغا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ۋە تېخىمۇ كەڭ ماكان ھازىرلاپ بېرىپ، بۇ يولنىڭ دېڭىز ياقىسىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇجياڭ دېلتىسى رايونى-دۆلەتنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، گۈيياڭ-گۇاڭجۇ، نەننىڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىش ھەم تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، گۈيجۇ قاتارلىق غەربىي جەنۇب رايونى بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسىگە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىنىدۇ.


ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق