باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2015-01-14 09:09:26

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

 جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپى بويىچە، ئىدىيىۋى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيىنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككى مەسئۇلىيەتنى» ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىش ئالامىتىنىڭ يامىراپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇپ، مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلەرنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇيۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2014-يىلى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولدى. پارتىيىمىز پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ  ھايات ماماتلىق يۈكسەكلىكىدە  تۇرۇپ، چەكلىنىدىغان رايون بولماسلىق، پۈتۈنلەي قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىق، چىرىك ئۇنسۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلەشمەسلىك، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىقتەك سىياسىي كەيپىياتنى تىرىشىپ ياراتتى.

شى جىنپىڭ بۇ يىلقى پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش. ئىككىنچى، «تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلنى» قەتئىي نىيەتكە كېلىپ تۈزىتىپ، شامالغا قارىشى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشتەك تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلنى ئىنتىزامنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش. ئۈچىنچى، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتا بوشاشماسلىق، چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش. تۆتىنچى، پارتىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئىنتىزام  تەكشۈرۈش كومىتېتىنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قوش  رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىنتىزامغا بويسۇنۇش قائىدىگە رىئايە قىلىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسى پۈتۈن پارتىيە جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئومۇمىي نىزام، شۇنداقلا ئومۇمىي قائىدە. پارتىيە ئىنتىزامى پولاتتەك چەكلىمە. دۆلەتنىڭ قانۇنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئەمەل قىلىشتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، تەشكىلنىڭ تەرتىپىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. زور مەسىلىلەردە ئىلتىماس سۇنۇشقا تېگىشلىكلىرىگە ئىلتىماس سۇنۇش، دوكىلات قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى دوكىلات قىلىش كېرەك، ھوقۇق چېكىدىن ئېشىپ ئىش بېجىرىشكە  ھەرگىز بولمايدۇ؛ جەزمەن تەشكىلنىڭ قارارىغا بويسۇنۇش كېرەك، تەشكىلسىز پائالىيەت قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ؛ ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە ئەتىراپىدىكى خىزمەتچى خادىملىرىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە سالاھىيەتتىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشىشىگە سۈكۈتتە تۇرۇپ يول قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتا نۇقتىلىق ھالدا مۇنداق تۆت جەھەتتىكى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ھەققىدىكى بىر قانچە مىزان، جۇڭگو كومپارتىيسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى، تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامىغا چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىش كىرگۈزۈش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش، ئادەمنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئۈچىنچى، تۈزۈلمە مېخانىزىمى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مىكرو ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش، ھوقۇقنى ئېنىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، قاراپ چىقىپ تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنى ئاشكارىلاش، ئىچكى تەرتىپنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۆتىنچى، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ۋاڭ چىشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زېممىسىگە ئېلىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىش، «تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلنى» قەتئىي تۈزىتىش، چىرىكلىشىشنىڭ يامىرىشىنى توسۇش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 18-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنى 12-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى، ۋاڭ چىشەن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «دۆلەتنى قانۇن بويىچە،  پارتىيىنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكىلاتى بەردى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق