باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ كۈنمىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنى تەكشۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2015-01-23 16:57:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 21- يانۋار كۈنمىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەدبىر يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچلۈك ئاساس بىلەن ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيىسىنى مۇستەھكەملەش لازىم. ئارمىيە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى پروگراممىسى بويىچە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشى ئاساسىنى پۇختىلاپ، كۈچلۈك قوشۇن قۇرۇلۇشى نىشانىنىڭ ئاساسىي قاتلامدە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.شى جىنپىڭ 2015-يىلى تۇنجى قېتىم قىسىمنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، قىسىملارنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. 21- يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن 14 –گۇرۇپپىۋى ئارمىيە ئورگىنىغا باردى. 2013-يىلى 5-ئايدا سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لۇشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندا ، ئۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان گۇرۇپپىۋى ئارمىيە مەلۇم قۇرۇلۇش پولكى قىسمىنى سەمىمىي يوقلىغان ئىدى. شى جىنپىڭ گۇرۇپپىۋى ئارمىيە خىزمەت بىناسىغا بېرىپ، ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنى يوقلىدى. ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. قىسىمنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئىلگىرىلەشلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. سائەت 11دە شى جىنپىڭ 2-توپچىلار قىسمىنىڭ مەلۇم بازىسىغا باردى. بۇ بازا 2- توپچىلار قىسمى ئەڭ بالدۇر تەشكىللىگەن غوللۇق قىسىملارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئارمىيىمىزنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك كۈچى. شى جىنپىڭ ئارمىيە تارىخى سارىيىغا كىرىپ، ئوق مودېلى، تارىخىي رەسىملەر، ئەمەلىي جابدۇقلار ئالدىغا كېلىپ، ئۇلارنى تەپسىلىي كۆردى، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. كۆپچىلىكنى كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشى تەرەققىيات قەدىمىنى تىزلىتىشكە ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ بۇ ئىككى قىسىمنىڭ خىزمەت ئەھۋالى دوكلاتىنى ئايرىم ئايرىم ئاڭلىدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۈتۈن ئارمىيىنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيىسى بىلەن قۇراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش نىشانى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابى ھەربىيلەردىن بولۇش باش تېمىلىق تەلىم تەربىيە پائالىيىتى ۋە پولىكتىن يۇقىرى پارتكوم ئورگانلىرىنىڭ ئۈچنى چىڭىتىش ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەخسۇس تېمىلىق تەربىيىسىنى رەتكە سېلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستىل تۈزىتىشنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇپ، قىسىملارنىڭ پارتىيىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى، قىسىملارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىش ۋە بىرلىككە كېلىش ھەمدە تولۇق مۇستەھكەملىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.ئارمىيىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل خىسلىتىنى نۇرلاندۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ سىياسىي خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇر ئىدىيىسى ، ھەرىكەت قېلىپى، ئۇسۇل ۋاسىتىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ دەۋر تۇيغۇسى ۋە ھاياتى كۈچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش لازىم. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۈچلۈك قوشۇن قۇرۇلۇشى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي ئاساسىي قاتلامدا، ھاياتى كۈچىمۇ ئاساسىي قاتلامدا. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورگانلىرى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. شى جىنپىڭ تەكشۈرۈش مەزگىلىدە 14 -گۇرۇپپىۋى ئارمىيە ، 2- توپچىلار قىسىمىنىڭ مەلۇم ئاساسىي قاتلام ئورگانلىرى ۋە كۈنمىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ پولىكتىن يۇقىرى رەھبىرى كادىرلىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق