باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى 3-مارت چۈشتىن كىيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-03 18:35:13

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىپ ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ پىلانىنى بىرلىكتە بېكىتىپ، ئۇيۇشۇش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرايلى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى 3-مارت چۈشتىن كىيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. بۇندىن كىيىنكى ئون كۈندە، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 2100دىن كۆپرەك ئەزاسى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدا پائال پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىشنى چۆرىدىگەن ھالدا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.

چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچتە، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2153ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۇ جىڭشىڭ، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن دۇ چىڭلىن، خەن چىدې، پابالا گىلىلاڭجې، دۇڭ جىيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيى، لوفۇخې، خې خوۋخۇا، جاڭ چىڭلى ، لى خەيفىڭ، چىڭ يۈەن ، لو جىيەنگوڭ، جۇ شاۋچۇەن، ۋاڭ جىيارۇي، ۋاڭ جىڭۋىي، ما بىياۋ، چى شۇچۇن، چىن شاۋگۇاڭ، ما پىيخۇا، لىيۇ شاۋفىڭ، ۋاڭ چىنمىنلەر رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجىياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى ھەمدە يىغىننىڭ ئىچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
دۇ چىڭلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ قارالمىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يۈ جېڭشېڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىش دائىمىي كومىتېتى ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىش، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇردى، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەردە چوڭ ئىشلار، مۇھىم ۋە يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى، بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك 4 جەھەتتە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ: 1. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى؛ 2. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. 3. ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، قەلب ۋە كۈچنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملىدۇق. 4.خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتچىلىك، دېموكراتىيە دائىرىسى كېڭەيتىلدى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

يۈ جېڭشېڭ شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يەنە بەزى يېتەرسىزلىكلەرمۇ ساقلىنىۋاتىدۇ، ئاساسلىقى سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، تۈزۈم ۋە مېخانىزمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، تەكلىپ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە، فونكسىيەسنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ۋەھاكازالار. بىز بۇ يەتەرسىزلىكلەرنى بۇندىن كېيىنكى خىزمەت داۋامىدا تەدبىر قوللىنىپ تىرىشىپ تۈگىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن لىڭ جىخۇا، سۇرۇڭ قاتارلىق 14 كىشىنىڭ سالاھىيتىنى ئېلىپ تاشلىدى، بۇ بىزنى ئەزالار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاگاھلاندۇرىدۇ.

يۈ جېڭشېڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى خىزمەتلىرىنى 8 جەھەتتىن يەكۈنلىدى. يۈ جېڭشېڭ بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇشقا ماسلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۈش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇمىيۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش فونكىسيىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئادا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، مەسلىھەتلىك دىموكراتىيىنى يېڭىدىن كۈچەيتىش، دىموكراتتىك نازارەت قىلىشنى يېڭى تەدبىر قىلىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى يېڭىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئىشلارنى قىلىپ، خىزمەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن ئۆستۈرۈپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق