باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-05 18:46:40

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەتلىك بولۇپ، داۋاملىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باشلامچىسى، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتنىڭ ئالدىدا ماڭغۇچىسىدىن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى پۈتۈنلەي قۇۋۋەتلىدى، بىر يىلدىن بۇيان شاڭخەينىڭ ئېچىۋېتىشچان ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە جاسارەت بىلەن ئىزدىنىپ قولغا كەلتۈرگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شاڭخەيدىكى يولداشلارنىڭ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەتلىك بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى تېرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىش-تەرەققىياتقا يېتەكلەشنىڭ 1-ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتقانلىق تەرەققىياتنى چىڭ تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىك كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىك. تۈزۈلمە، مېخانىزم توساقلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە تېزدىن ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار-يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسى، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ماھىيەتتە ئىختىساسلىقلارغا تۈرتكە بولغانلىق. ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ، كەسىپ  ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان، خەلقئارا نەزەر ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بىر تۈركۈم باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى جەم قىلىش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش-پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغۋار كۈرەشلىرىنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا-رەھبىرى كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلارنى چىڭ تۇتۇش. شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئاز ساندىكى رەھبىرى كادىرلارنىڭ جۆرىلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ كارخانا قۇرۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شاڭخەيدىن بۇنى پۇختا يولغا قويۇپ، نۇسخىلىغىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق