باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى 2-قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-08 18:09:56

 
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى 8-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2-قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىغا بىنائەن، يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، يۈجېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشيەن، جاڭ گاۋلىلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

جاڭ دېجىياڭنىڭ دوكلاتى ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئاساسلىق خىزمەتلەر ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر يىلدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر دېگەن ئىككى قىسىمغا بۆلۈندى.

ئۇ ئۆتكەن بىر يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەستىن چىڭ تۇرۇش، تۈزۈمگە بولغان ئىشەنچىنى چىڭىتىش، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: قانۇن چىقىرىش- مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەمدە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم پۇرچى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسى. دائىمىي كومىتېت قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، قانۇن چىقىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بىر يىلدىن بۇيان، 20 قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى، 10 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، 2 قانۇن تۈزۈلدى، 8 قانۇن ئىزاھاتى چىقىرىلدى. بىر تۈركۈم مۇھىم قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىدە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى؛ قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى؛ ئىلىمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دوكلاتتا بۇندىن كېيىنكى بىر يىلدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى، بۇ ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگو سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىش، قانۇننى يولغا قويۇش ئەھۋالى ۋە بىر ھۆكۈمەت ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، ۋەكىللەر خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جاڭ دېجياڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىش ھەققىدە مۇنداق دېدى: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى قانۇن تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاكسىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش قانۇنى، ئۇرۇقلۇق قانۇنى، يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە بېرىش قانۇنى، ئېلان قانۇنى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېموكراتىك سىياسىي قانۇن چىقىرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سايلام قانۇنى، يەرلىك تەشكىلاتلار قانۇنى، ۋەكىللەر قانۇنى، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي تەپتىش قانۇنىنى تەتقىق قىلىش ۋە بۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لازىم.

جاڭ دېجياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خېڭياڭنىڭ سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. بۇ دېلودىن ئىنتايىن چوڭقۇر ساۋاق ئالدۇق. بۇنى ئىبرەت قىلىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوچۇقلارنى توسۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى سايلىمى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ كىرىش ئۆتكىلىنى ياخشى تۇتۇپ، قانۇنغا قاتتىق ئەمەلگە قىلغان ھالدا ئىش قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سايلامنىڭ ئومۇمىي جەريانىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سايلام خىزمىتى ئىستىلىنىڭ ئېنىق، كەيپىياتىنىڭ توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق