باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن قاراپ چىقىشقا ئايرىم-ئايرىم قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-09 18:51:59

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن 9-مارت چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن خاتىرە يازدى ھەم ئارىلاپ-ئارىلاپ سوئال سورىدى، ئاخىرىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى پۈتۈنلەي قۇۋۋەتلەيمەن دېدى. شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئالاھىدە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ توپىنى تېرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، سىجىل رىقابەت كۈچى ۋە تىرەك كۈچىگە ئىگە كەسىپ سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈزۈلمىلىك توساقلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، كونا سانائەت بازىلىرىنىڭ غايەت زور ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، قويۇۋېتىش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قىسىم رايونلاردا يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پۇقرالارغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن تېخىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك قىلىش لازىم. خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، مىخلاش روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي غەيرەتكە كېلىپ، ئىشلارنى بىرمۇ-بىر بېجىرىپ، يىلمۇ يىل ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا قاراپ مېڭىپ، خىزمەتلەردە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە بىر ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بولۇشى زۆرۈر. سىياسىي ئېكولوگىيە بۇلغانسا، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت مۇھىتى ناچارلىشىدۇ؛ سىياسىي ئېكولوگىيە ساپ بولسا، ھۆكۈمەت خىزمىتى ياخشىلىنىدۇ. سىياسىي ئېكولوگىيە بىلەن تەبىئەت ئېكولوگىيەسى ئوخشايدۇ، سەللا دىققەت قىلمىغاندا، ناھايىتى ئاسانلا بۇلغىنىپ كېتىدۇ، مەسىلە پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنى دۇرۇس بولۇپ، پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، چېرىكلىكتىن يىراق تۇرۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە يېتەكلەش، دەرىجىمۇ دەرىجە چىڭ تۇتۇشنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى دۇرۇس، پاك ئىشلەيدىغان مۇھىتنى پائال يارىتىش جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق