باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
جاڭ دېجياڭ، يۇ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-10 18:39:43

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى 10-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدىكى بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ چۈشتىن بۇرۇن گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، جاڭ دېجياڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن كۆپرەك پايدا يەتكۈزۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى كۆپرەك ئىگەللەپ، پۇقرالارنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك، ئىسلاھات تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ئارقىلىق ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ھاياتى كۈچگە ئىگە قىلىش لازىم، پۇقرالارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە جىددى ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇھتاجلىقدا جانغا ئەسقاتىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئاساسى تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ خەلق تۇرمۇشى ئۆلچىمىنى ساقلاش كېرەك، نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامرات نوپۇسنىڭ ئاساسى تۇرمۇشى بىخەتەرلىك تورىنى ياخشى توقۇپ، نامرات رايونلاردىكى  خەلق ئاممسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ چۈشتىن كېيىن نىڭشيا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يۈ جېڭشېڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەن كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى پۈتۈنلەي قۇۋۋەتلەيمەن. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش؛ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۆت ئېتىراپنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش؛ دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى قەتئىي توسۇپ، دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا يېتەكلەپ، دىنىي ئىناقلىقنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن سەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ بەرگەن  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، چىرىكلىشىش مەسىلىسىگە تارىخ، پەلسەپە ۋە مەدەنىيەت تەپەككۇرى بىلەن قاراش لازىم. سەنشى خەلقىنىڭ تېنىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت قېنى ئاقىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتى ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان. تارىخىي ئەسلىمىلەرنى ئويغىتىپ، شۇنىڭدىن كۈچ ئىزدەپ، ئىشەنچنى تۇرغۇزۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇش لازىم. پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى دەل جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، چىرىكلىكنى ئەڭ قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن ئازايتىپ، چىرىكلىكنىڭ كۆپىيىشىنى كەسكىن تەدبىرلەر ئارقىلىق توسۇپ، ئاساسىي گەۋدە مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلەر كوللىكتىپى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. جاڭ گاۋلى ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن: مەن كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتنى پۈتۈنلەي قۇۋۋەتلەيمەن، دېدى. جاڭ گاۋلى گۇاڭدۇڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، گۇاڭدۇڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، «ئۈچنى بەلگىلەش، ئىككىدە باشلامچى بولۇش» نىشانىنى چۆرىدەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى باشلامچى جاي بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يولباشچى بولۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ستراتېگىيەلىك تەڭشەشتە ئالدىنقى سەپتە مېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.


ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق