باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتنىشۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-13 16:21:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتنىشۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-،4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش ۋە گۈللەندۈرۈشتە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا، 8 ۋەكىل دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكىسى ساھەسىدە ئارمىيە بىلەن خەلقنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسىدە ئارمىيە بىلەن خەلقنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش دۆلەتنىڭ بىئوبىخەتەرلىك قوغدىنىش سىتېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ بەس-بەستە سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىشىنى ئۈمىد قىلدى، ھەمدە ئارمىيە بىلەن خەلقنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقا تەلەپ قويدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئارمىيە بىلەن خەلقنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆپ ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇش شەكلىنى موللاشتۇرۇپ، دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قاتلىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئومۇملۇق ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش، مەسىلىلەرنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئويلىشىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش، تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چەكلەپ تۇرىۋاتقان تۈزۈلمە خاكراكتېرلىك توسالغۇلارنى، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنى، سىياسەت خاكراكتېرلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ماسلىشىدىغان، ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان تەشكىلىي باشقۇرۇش سىتېمىسى، دۆلەت باشلامچىلىق قىلىدىغان، ئېھتىياج تۈرتكە بولىدىغان، بازار مەشغۇلاتى بىلەن بىرلىككە كەلگەن خىزمەت سىستېمىسى شۇنداقلا سىستېمىسى مۇككەممەل، ئۇلاشتۇرۇشى يۈرۈشلەشكەن، ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرەلەيدىغان سىياسەت تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك چارىلەر ئارقىلىق پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزىمى بەرپا قىلىپ، پىلاننىڭ قاتتىق چەكلەش ۋە ئىجرا قىلىش ئىقدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قانۇن بەلگىلىمىلەرنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوللاشنى ئۆز ئىشى دەپ بىلىپ، ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئارمىيە خەلقنى سۆيىدىغان، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۇيۇلتاشتەك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك.

يىغىن ئاياغلاشقاندا، شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام ۋە پەن تەتىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى قىسىمدىن كەلگەن قىسمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى يېنىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگەللەپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، خىزمەت كۆرسىتىپ، ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق