باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-13 19:09:16

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملىغاندىن كېيىن 13-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن دۇ چىڭلىن، خەن چىدې، پابالا گېلىلاڭجې، دوڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، خې خوۋخۇا، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، چېن يۇەن، لۇ جەنگوڭ، جۇ شياۋچۇەن، ۋاڭ جيارۈي، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چى شۈچۈن، چېن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا، ليۇ شاۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىنلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رىتىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جياڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكىلاتى ھەققىدىكى قارارى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ تەكلىپلىرىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتىتى 3-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

يۈ جىڭشېڭ يېپىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلىدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرگە تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.

يۈ جىڭشېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيىسى دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنى يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە ئالغا ئىلگىرلىمەكتە، بىز نۇرغۇن يېڭى تارىخى ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ ئۇلۇغ كۈرەشكە قاتناشماقتىمىز، بىز بۇرچىمىزنى ئېنىق تونۇپ، جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

يۈ جىڭشىڭ مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولى ئىشەنچىمىز، نەزەرىيە ئىشەنچىمىز، تۈزۈم ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئورتاق كۆرەش نىشانى، ئورتاق تارىخي تەقدىر ۋە ئورتاق مەدەنىيەت ۋارىسلىقى ئارقىلىق ئىسلاھاتتىكى ئورتاق تونۇشلار، تەرەققىياتتىكى ئورتاق تونۇشلار، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئورتاق تونۇشلار، چىرىكللە قارشى تۇرۇشتىكى ئورتاق تونۇشلار ۋە قىممەت قارىشىدىكى ئورتاق تونۇشلارنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە كۆرەش قىلىدىغان ئىدىيە سىياسىي ئاساسىمىزنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا قۇدرەتلىك ئىجابىي كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

يۈ جىڭشىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن كۈتىدىغان مۇنداق تۆت ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: باشتىن ئاخىر ئاممىۋى كۆز قاراش ۋە خەلقنى كۆزلەش تۇيغۇسىدا بولۇپ، مەنساپدارلىق، ھەشەمچىلىك ئىستىلىدىن يىراق تۇرۇپ، ئامما بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ئالاقە باغلاپ، ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلساڭلار؛ باشتىن ئاخىر ئەخلاق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، پاك ۋە ئىنتىزامچان بولۇپ، ھەشەمچىلىك قىلىش ۋە ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىشتىن يىرا تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن بەلگىلىمىلەر، سىياسى كېڭەش نىزامى ۋە تۈزۈملەرگە ئۈلگىلىك بىلەن ئەمەل قىلساڭلار؛ باشتىن ئاخىر ھەقىقىي تىرىشىپ، ئالغا ئىگىرىلەپ، كەسىپنى ھۆرمەتلەپ، راھەتپەرەزلىك، مەيدانسىزلىق ۋە بوشاڭلىققا قارشى تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى كۈچەيتسەڭلار؛ باشتىن ئاخىر دېموكراتىك كېڭىشىش ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يالغانچىلىق، تەكەببۇرلۇقتىن يىراق تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى ۋە تەسىرىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، راست سۆزلەپ، سىياسەتلەرنى چوقۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا ئىستىل تىكلەپ، دۆلەتكە، خەلقكە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈپ، رولىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ كەلسەڭلار.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق