باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-14 09:20:46

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
    تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بەش ۋەكىلى ئالىي مائارىپنى تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.
     سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل شيې خېپىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: سىتۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىدە مەغلۇپ بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. ھازىر جەمئىيەتتە ئېيىتىلۋاتقان مەغلۇبىيەت ئىقتىسادىي ھېساباتنى كۆرسىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە سىتۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىش مۇساپىسىدىكى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇش جەريانى ئۇلارنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق.
    گۇيجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل جېڭ چياڭ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپلەر ۋە سىتۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپلىرى جۇڭگو جەمئىيىتى بىلەن تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلغان، مېنىڭچە، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە جۇغلاش كېرەك.
    گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى، ۋەكىل لو ۋېيچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەمۇرىي تەستىق ھوقۇقىنىڭ %85 ىنى تۆۋەنگە چۈشۈردى، ھەمدە ئالىي مەكتەپلەرگە ئارىلىشىش ۋە باشقۇرۇشنى ئازايتتى. ھۆكۈمەت ھوقۇقنى قويىۋەتكەندە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭمۇ قائىدە-تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئىچكى مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ،  تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈر.
    خەينەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل لى جيەنباۋ دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىۋاسىتە قارمىقىدا بولمىغان يەرلىك نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنى ئوقۇغۇچى بېشىغا قاراپ پۇل ئاجرىتىپ قوللىسا، دۆلەت يەرلىكتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئاجراتقان مەخسۇس خىراجەتنىڭ بىر قىسمى دائىملىق خىراجەت قىلىنسا، دەپ تەكلىپ بەردى ھەمدە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يەرلىكتىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە راۋانلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
    جياڭسۇ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى، ۋەكىل شېن جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2013-يىلىدىن باشلاپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىگە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرى جياڭسۇ ئۆلكىسىدە مۇكەممەل تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى ئوقۇشنى تولۇق تاماملىغان بولسا، جياڭسۇدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدىغان بولدى. بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسىگە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتىلىرىدىن بۇ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 7454 ئوقۇغۇچى بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى، ئۇلار جياڭسۇدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق