باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسىڭگىر بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-18 16:10:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسىڭگىر بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ كىسىڭگىرنى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ باشلامچىسى ۋە شاھىدى دەپ تەرىپلىدى، ئۇنىڭ 10 نەچچە يىللدىن بۇيان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىنى ماختىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، ئامېرىكا بىلەن تەڭ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ۋە ھەر قايسى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. مەن بۇ يىل ئىچىدە ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشنى كۈتمەكتىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى تىنچ تاشقى مۇھىتا مۇھتاج. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگومۇ خەلقئارا ئشىلاردىكى ئىجابىي كۈچ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى ياخشى خۇلاسىلاش لازىم،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىگە ئومۇمىيلىقنى چىقىش قىلغان ئاساستا مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئىگەللەپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشىنىشنى كۈچەيتىش؛ ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش ۋە ئوخشاشلىقلاردا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، پەرقلەرنى ساقلاش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپلار ۋە نازۇك مەسىلىلەرنى ياخشى كونترول قىلىش؛ ھەرمكارلىشىپ تەڭ غەلبە قىلىشتىكى ئىجابىي تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم پۇرسەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى تەرەپلىك، رايون ۋە دۇنيا قاتلىمىدىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك.

كىسىڭگىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، بۇ ئۇزاق تەرەققىياتنى نەزەردە تۇتقانلىق. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ بىر قېتىملىق تارىخىي زىيارەت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، زىيارىتىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق