باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ پايتەختتىكى مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2015-04-04 14:28:12

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن پايتەختنىڭ مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆچەپ تىكىپ، ئورمان ئەھيا قىلىش-مۇھىتنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى، ئەڭ نەپ بېرىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. پۈتۈن مەملىكەتنى سەپەرۋەر قىلىش، ئومۇمىي خەلق كۆچەپ تىكىپ، ئورمان ئەھيا قىلىشقا ئاتلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېرىشىپ خەلقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىملاردا، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار ئوپچە ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونى سۈنخې يېزىسىىدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا بېرىپ، پايتەخت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكتى.

سۈنخې يېزىسى سۈنخې كەنتىدىكى كەڭ كەتكەن يەر ئەسلىدە بىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئىدى. بېيجىڭ شەھىرى شەھەر-يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يەرنى ئۆزگەرتىشكە باشلاپ، بۇ يەرنى بۇ يىللىق ئورمان ئەھيا قىلىش پىلانىغا كىرگۈزگەن ئىدى.

كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىدا ئەمگەك قايناپ كەتتى. كۆچەت تىكىشكە قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ بەزىلىرى توپا تىندۇردى، بەزىلىرى سۇ قۇيدى، ناھايىتى غەيرەت بىلەن ئىشلىدى، بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ كادىرلار ۋە ئامما بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تېخىمۇ ئاسراش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى.

كۆچەت تىكىش ئارىلىقىدا، شى جىنپىڭ كۆچەت تىكىشكە قاتناشقان كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۆزلۈكسىز كۆچەت تىكىپ، ئورمان ئەھيا قىلىش ئارقىلىق، ئېلىمىزدە ئورمان كۆپەيدى، يەر-زېمىن تېخىمۇ كۆكەردى. جۇڭگو كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىشتا ئىنسانىيەتكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىزنىڭ يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش كۈرەش نىشانى، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئۈمىدىگە سېلىشتۇرغاندا، ئېكولوگىيە جەھەتتە نۇرغۇن مەجبۇرىيىتىمىزنىڭ بارلىقى، مۇھىت مەسىلىسىنىڭ يەنىلا كەسكىنلىكى، يېشىللىقنىڭ يەنىلا يېتەرسىزلىكىنىڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم رېئال مەسىلە ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرمەكتىمىز. بىز يېشىللىق ئېڭىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بۇ-تارىخىي خاراكتېرلىك پەيت.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋەتەننى كۆكەرتىش، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش-ھەممە ئادەمنىڭ مەجبۇرىيىتى. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، بوش ئورۇن كۆرسەكلا كۆكەرتىپ، ھەر بىر پارچە يەرنى يېشىللاشتۇرۇپ، ھەر بىر تامچە سۇنى قەدىرلەپ، ھەر بىر تال ئاشلىقنى تېجەپ، بايلىق تېجەيدىغان، مۇھىتى ياخشى جەمئىيەت قۇرۇشقا ئۆزىمىز قول سېلىپ تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

كۆچەت تىكىشكە قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سالماسلىقنى تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى چېكى قىلىش كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مۇھىت دېمەك-خەلق تۇرمۇشى دېمەك، كۆكەرتىش دېمەك-گۈزەللىك دېمەك، پاكىز مۇھىت دېمەك-بەخت دېمەك دېگەن قاراشنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا تەبىئىي ئورمانلارنى ئاسراپ، بىر قولدا سۈنئىي ئورمان ئەھيا قىلىپ، ئىلمىي كۆكەرتىپ ۋە ئىلمىي قوغداپ، شەھەر-يېزىلارنى تېزدىن يېشىللاشتۇرۇپ، گۈزەللەشتۈرۈپ ۋە بېيىتىپ، خەلق ئاممىسىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق