باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ:ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىققا ۋارىسلىق قىلايلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2015-04-08 17:25:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

2-نۆۋەتلىك يازلىق ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەندە يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قالغان پەيتتە ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكىتى روھى مەشئىلى نۇر چاچتى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئىشەنچى، قىزغىن دوستلۇق ۋە ئېناقلىقتىن ئىبارەت ياخشى ئوبرازى يەنىمۇ نامايان قىلىنىپ، كەڭ دائىرىلىك ياخشى باھاغا مۇيەسسەر بولدۇق. تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىققا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ،ياشلار تەنتەربىيە خىزمىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بارلىق ياش ئۆسمۈرلەرنى ئولىمپىك روھىنى داۋاملىق نۇرلاندۇرۇپ، تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىپ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، ياشلىق كۈچ قۇدرىتىنى مۇجەسسەملەپ ۋە ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى كاتتا مەرىكىدە يېڭىلىق يارىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ياشلىق ئاساسى مەزمۇنى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ دۇنياغا جۇڭگونىڭ ياخشى ساداسى ياڭرىتىلىپ، ئولىمپىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا نەنجىڭ تەجرىبىسى جۇغلاندى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت روھىنى يەنىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن جەڭگىۋار قوشۇن تەربىيىلەش لازىم. 7-ئاپرېل2-نۆۋەتلىك يازلىق ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى يەكۈنلەش تەقدىرلەش يىغىنى نەنجىڭدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى. تەنھەرىكەتچىلەر، ترېنېرلار، پىدائىيلار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. 2-نۆۋەتلىك يازلىق ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگەن يەنە بىر قېتىملىق خەلقئارا تەسىرگە ئىگە ئولىمپىك كاتتا مەرىكىسى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق